جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق يېڭى ئەلچىسى
5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى جوۋلى قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئېرمېكبايېۋ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە دۆلەت مەكتۇبىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇردى. ئېرمېكبايېۋ مۇنداق دەپ بىلدۈردى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولدى. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلار پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى، قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».
جوۋلى مانا مۇشۇنداق پەيتتە جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا بىرلىككە كەلتۈرگەن بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!