
خەلقئارا لىنيىسى خەۋرى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 24-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، مىسىر پايتەختى قاھىرەدە خىرىستىيان ناسارالار ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ چېركاۋ سېلىشىغا قارشى تۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. توقۇنۇشتا بىر نەپەر نامايىشچى قازا قىلىپ، نەچچە ئونلىغان ئادەم يارلانغان.
يەرلىك ساقچىخانا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قويۇپ بېرىپ، كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرغان ھەم 100 دىن ئارتۇق نامايىشچىنى قولغا ئالغان. توقۇنۇشتا نامايىشچىلاردىن 15 كىشى ساقچىلاردىن 20 كىشى يارلانغان بولۇپ، ياردارلارنىڭ ئىچىدە توجىسا ئۆلكىسى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىمۇ بار ئىكەن.

