
جوڭشىن تورى 24-نويابىر تېلگىراممىسى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران كىشىلىك ھوقوق كومىتېتىنىڭ رەھبىرى ئالى لارجانى ئالدىنقى كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاشكارلاپ، تاش-بوران جازاسى ئارقىلىق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئايال ئاشتىيانا كەچۈرۈم قىلىنىشى مۇمكىن دېدى.
ئالى لارجانىنىڭ دېيىشىچە، بۇ تەشلىكلات ئاشتىيانانىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نۇرغۇن ياردەم بەرگەن، ئۇنىڭ كەچۈرۈمگە ئېرىشىش پۇرسىتى چوڭ ئىكەن.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرىشى بىلەن، ئاشتىياناغا بېرىلگەن تاش بوران جازاسى بىكار قىلىنپ، ئىران ئالىي سوت مەھكىمىسى نۆۋەتتە قايتىدىن سوت ئېچىپ ھۆكۈم چىقارماقچى.
ئىرانلىق ئايال ئاشتىئانا بۇ يىل 43 ياش بولۇپ، ئىككى ئوغلى بار. ئۇ 2006-يىلى ئېرى ئۆلۈك كەتكەندىن كېيىن ئىككى ئەر بىلەن «بىنورمال» مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن بىرىنچى سوتتا جىنايىتى بېكىتىلىپ، 99 قېتىم قامچىلاش جازاسى بېرىلگەن. كېيىن، ئۇ يەنە پائىشىۋازلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ «تاش بوران» جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.