
يېقىندا مودا كىيىم سەھەسىدە ناھايىتى كېلىشكەن بىر ئەر مودىل پەيدا بولغان، بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەن بۇ مودىلنىڭ «ئەر ياكى ئاياللىقىنى پەرىقلەندۈرۈش قىيىن بولغان» تاشقى قىياپىتى بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلغان. ئۇ تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىققاندا، كىشىلەر ئۇنىڭ بىر ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىشقان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاۋىستىرالىيەلىك ئەر مودىل Andrej Peji يېقىندىن بۇيان توردا قىززىق نوقتىغا ئايلىنىپ قالغان، ئۇ تۇنجى قېتىم 2011-يىللىق Jean Paul Gaultier ئەتيازلىق-يازلىق كىيىم كېچەك كۆرگەزمىسىگە قاتناشقاندا مۇنازىرە قوزغىغان، ئۇنىڭ ھەقىقىي جىنسى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان. كىيىن ئۇ يەنە John Galliano، Paul Smith ۋە Raf Simons قاتارلىق ماركىدىكى كىيىملەر ئۈچۈن مودىل بولغان، ئۇ ئۇزۇن چېچى، ئەر ياكى ئاياللىقىنى پەرىقلەندۈرۈش قىيىن بولغان تاشقى قىياپىتى بولغانلىقتىن، مودىللىق ساھەسىدىكى يېڭى بىر ئەتىۋارلىق مودىلغا ئايلىنىپ قالغان.