
سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېييۈەن ناھىيەسى شياۋخې بازىرىدىكى باتيەن كۆمۈر كېنىنىڭ ئىشچىسى ليۇ مىڭچۈەن 22-نويابىر تۇنجى بولۇپ قۇتقۇزۇۋېلىندى. شۇ كۈنى چۈشتە، ۋېييۈەن كۆمۈر كېنىدا سۇ چىقىپ كېتىش ھادىسىسى سەۋەبلىك قاپسىلىپ قالغان 29 نەپەر كان ئىشچىسى كەينى-كەينىدىن قۇدۇقتىن چىقىرىۋېلىندى.