ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
قازاقىستان بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ ساھەسىگە قەدەم قويدى
يوللىغان ۋاقىت:2010-11-14 00:23:48  يازغۇچى:نەزەر  كىلىش مەنبەسى:ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

قازاقىستان بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ ساھەسىگە قەدەم قويدى

      قازاقىستان بولسا قېزىلما بايلىقلار ۋە ئېنېرگىيە دۆلىتى، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا قارىتا قىزىقىشى كۈچەيمەكتە. ئەنگلىيە تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مۆلچىرىگە ئاساسلانغاندا، 2013 - يىلى پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا نېفىت كرىزىسى يۈز بېرىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيە كىشىلەر ئەڭ دىققەت قىلىدىغان نۇقتىغا ئايلىنىدىكەن، بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيە ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا نىسبەتەن تايىنىشچانلىقىنىمۇ يېنىكلىتىدىكەن. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيىنىڭ بازار كۆلىمى يىلىغا %25- %20 لىك نىسبەت بويىچە كېڭىيىۋېتىپتۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقدىشى، ئامېرىكا ۋە برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرى ئىكەن. ھازىر ئېنېرگىيە چوڭ دۆلىتى قازاقىستانمۇ بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلار سېپىگە قوشۇلدى.
      قازاقىستان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى چاقىرغان يىغىندا، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يېپنىيېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان ھۆكۈمىتى سۈپىتى ناچار ئاشلىقتىن پايدىلىنىپ بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ھەم ئۇنى چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىپ، قازاقىستاننىڭ بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيە سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەنىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى قايتا ھاسىل قىلىشقا بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە قازاقىستان بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە قازاقىستان تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بېكىتكەن بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە ئېتىبار بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش قارارىغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلى مەزكۇر دۆلەتنىڭ بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ مەھسۇلات مىقدارى بىر مىليارد 700 مىليون لىتىرغا يېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش خام ماتېرىيالى سۈپىتى ناچار بۇغداي ۋە تۇرۇپ قالغان ئاشلىق بولىدىكەن. 2010 - يىلىدىن كېيىن، بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇنىڭ يىللىق ئېكسپورت مىقدارى 6- 3 مىليارد لىتىرغا يېتىدىكەن، باھاسى بىرازىلىيە ۋە ياۋرو - ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ ئېكسپورت باھاسىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدىكەن.
      بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ ئىشلەپچىقارغاندا، قازاقىستاننىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىدىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماستىن، يەنە قازاقىستان ئېنېرگىيە ئېكسپورتى كۆپ خىللىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ پايدىسى بار. قازاقىستاننىڭ نوپۇسى بىرقەدەر ئاز بولۇپ، ئاران 16 مىليونغا يېتىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاشلىق تەمىنات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۇنچە تەس ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستاننىڭ ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى يىلسېرى ئېشىپ، ئاشلىق سېتىش تەس بولۇش دېھقانلار ئەڭ ئەنسىرەيدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. ئەگەر بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلسا، ئۇ ھالدا زور تۈركۈمدىكى سۈپىتى ناچار ئاشلىقلارنىڭ ھەممىسى بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنداقتا قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسى ۋە دېھقانلار ئوخشاشلا زور پايدىغا ئېرىشىدۇ.


      غالىپ مامۇت خەنزۇچە «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلدى

باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!
ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/1114/article_10472.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
تۈركىيەدىكى ھەيدەر پاشا پويىز بېكىتىگە ئوت كەتتى
تۈركىيەدىكى ھەيدەر پاشا پويىز بېكىتىگە ئوت كەتتى
كىيىم مودىلىنىڭ جىنىس ئايرىمىسى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى
كىيىم مودىلىنىڭ جىنىس ئايرىمىسى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى
شىياڭگاڭدا بىر مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى كەسلەنچۈك تۇتىۋېلىندى
شىياڭگاڭدا بىر مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى كەسلەنچۈك تۇتىۋېلىندى
چاۋشيەن ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى
چاۋشيەن ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈز...
ليۇ دېخۇا ئۆز قولى بىلەن چىچىنى چۈشۈرۋەتتى
ليۇ دېخۇا ئۆز قولى بىلەن چىچىنى چۈشۈرۋەتتى
مىسىردىكى خىرىستىيان ناسارالار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
مىسىردىكى خىرىستىيان ناسارالار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش ...
ئىران ئەمەلدارى تاش بوران جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئايال كەچۈرۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن دېدى
ئىران ئەمەلدارى تاش بوران جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئايال كەچۈرۈمگ...
سىچۈەن ۋېييۈەن كۆمۈر كېنىدىكى 29 كان ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇۋېلىندى
سىچۈەن ۋېييۈەن كۆمۈر كېنىدىكى 29 كان ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇۋې...
ساغلاملىق بىلىملىرى
  • دورىلىق قىممىتى يۇقىرى ئۆسۈملۈك — تاجىگۈل
  • سول قولنى ئىشلىتىش ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
  • سىنىكنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە قانداق رولى بار ؟
  • ھەسەلنى توڭلاتقۇغا سالماڭ
  • كومپيۇتېر ‹‹رادىئاتسىيە دېغى››نىڭ ئالدىنى ئالاي دېسىڭىز...
  • نىكاھ بۇزۇلۇشتىكى توققۇز بېشارەت
  • ئېرىڭىزگە تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ
  • ئۇيغۇر تىبابىتىدە كىسەللەرنى داۋالاش
  • روھى جەھەتتىن داۋالاش
  • غىزا بىلەن داۋالاش
  • كومپىيۇتېر رادىئاتسىيىسىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى
  • پۇتنى قىزىق سۇغا چىلىسا قىزىتما ياندۇرىدۇ
  •  
     
    ناخشا موزىكىلار ئارامگاھى
    تور ئۇيۇنلىرى
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ