
-
ئوغلۇم يۈتۈپ كەتتى،ئىزدىشىپ بىرىڭلار
ۋاقىت:2015/04/16 | تۈرى:adam izdax
(تارقىتىڭ) 4-ئاينىڭ15-كۈنى يەنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن توققۇزياشلىق ئوغلۇم ئابدۇلباسىت ئككىنچى سائەت دەرىستىن چۇشۇپ مەكتەپ قورۇسىدىن چىقىپ كەتكەنچە تا ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىدى·ئۇچىسىغا مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغان، بالامنى ئىزدەپ ساراڭ بولاي دەپ قالدىم…قېرىنداشلىرىم ئېغىر كۆرمەي مۇشۇ ئۇچۇرنى ھەرقايسى ئۈندىدار توپلىرىغا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار…[大哭]
[大哭]
13379744441
15099018293نۇرسىيە -
بۇ بالا تېپىۋېلىندى.تارقىتىپقۇيۇڭلا
ۋاقىت:2015/03/14 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار
بۇ بالا گوڭدۇڭ دۇڭگۇندىن تىپىۋىلىنغان شۇ تەرەپتە نەچچە كۇن بالنىىڭ ئائىلىسدىكىلەرنى ئزدىگەن بۇلسىمۇ پەقەتلا ئائىلسدىكىلەرنى تاپالـمىغان ،شۇ سەۋەپتىن شىنجاڭغا يەنى ئۇرۇمچىگە ئىلىپ كىلىنگەن ،بۇبالنى تونىغۇچىلار بولسا تېزدىن ئالاقىلشىڭلار ،دوسلۇرۇم كۆپلەپ تارقىتپ بەرگەيسىلەر 13999992291خەۋىرىنى بىلدىغانلار مۇشۇ نومۇر بىلەن ئالاقىلشىڭلار -
ئايال بولماق نىمانداق تەس. . .
ۋاقىت:2015/03/02 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار
转发:ئاياللار بۇ ئۆمرىدە راستتىنلا ناھايىتى تەس
يۈرىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ
بەدىنى يولدىشىنىڭ
ۋاقتى بالىسىنىڭ
پەقەت قورۇقلا ئۆزىنىڭ.
چىرايلىقراق بولسا، خاتىرجەم قىلالمايدۇ
سەترەك بولسا، باشقىلار قارىمايدۇ.
ئوچۇقراق بولسا ،ساراڭكەن دەيدۇ.
گەپنى ئاز قىلسا سوغۇقكەن دەيدۇ.
توي قىلاي دېسە ئەركىنلىكى بولمايدۇ.
قىلماي دېسە ئەر ئالماپتۇ دەيدۇ.
ئېرى بەك كېلىشكەن بولسا، ئاسانلا باشقىلارنىڭ بولۇپ قالىدۇ.
بەك سەت بولسا، ئۆزىگە يۈز كېلەلمەيدىغان ھېس قىلىدۇ.
بالا ئالماي دېسە، ھەقىقىي ئايال ئەمەس دەيدۇ.
ئالاي دېسە، ئۆزى شۇنچىلىك ھېرىپ كېتىدۇ.
بىرەر ئىش قىلاي دېسە ئۆيى بىلەن كارى يوق دەيدۇ.
پۇل تاپماي دېسە، ئىقتىدارسىز، باشقىلارغا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدۇ دەيدۇ.
گىرىم قىلاي دېسە، باشقىلارنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن دەيدۇ.
قىلماي دېسە، نېمانداق ئۆزىنى تۈزەشتۈرمەيدۇ دېيىشىدۇ.
ئاياللارنىڭ بۇ ئۆمرىدە ئازراق ۋاقىتمۇ ئۆزىنىڭ ئەمەس
ئايال بولماق نېمىدىگەن تەس؟
ئائىلىسى ۋە ئۆزى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، ھەر خىل بېسىملارغا دۇچار بولۇۋاتقان ئاياللارغا. -
بىر قەشقەرلىك تاۋۇز سېتىپتۇ
ۋاقىت:2015/02/24 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار
بىر قەشقەرلىك تاۋۇز سىتىپتۇ، -ئاكا ، تاۋۇزلىرى تاتلىقمىدۇ تاۋۇزچى : -تاتلىق ئەمەس دېسەم سەن ئالمايسەن ، تاتلىق دەي دېسەم مەن ئۆزۈم يەپ باقمىغاندىكىن قالايمىقان گەپ قىلسام بولمايدۇ ،-دەپتۇ، ئاندىن تاماكىسىنى ئېغىر بىرنى شورىۋىتىپ : -مەن ساڭا دېسەم ھايات خۇددى بىر تاۋۇز ئېلىشقا ئوخشايدۇ ، ئاچچىق ياكى تاتلىقلىقىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا بۇ ھايات بىز ئۈچۈن شۇنداق رەڭگارەڭ ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھاياتتا ھەر ئىشتا قاپ يۈرەكلىك بىلەن تەۋەككۈل قىلىپ تۇرىشىمىز كېرەك ، ئەگەر تاتلىق چىقسا ئۆزۈڭنى بەختلىك ھېس قىلىسەن ، ئىشەنچىڭ ئۇرغۇيدۇ ، ئەگەر ئاچچىق چىقىپ قالسا ، مەيلى ، بۇ سېنىڭ باتۇرلىقىڭنى ئىسپاتلايدۇ ، ئەگەر بۇ تاۋۇزنى تاتلىق چىقماسلىقىدىن قورقۇپ ئالماي قالساڭ سېنىڭ ۋاز كەچكىنىڭ پەقەتلا بىر تاۋۇز ئەمەس ، بەلكى ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭ ..... -جېنىم ئاكا ! بۇ تاۋۇزلىرىڭنىڭ ھەممىنى ئالاي ، قانچە پۇل؟ ..... [Grin]
[Sly] -
ئابدۇقادىر جالالىدىن نەسىھەتلىرى.
ۋاقىت:2015/02/23 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار
ئابدۇقادىر جالالىدىن بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بوسۇغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەت بىلەن بوسۇغىنىڭ تېشىدىكى قىممەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرمىسە بولمايدىغان يەرگە كەلدى . ئوقىغان ئاياللىرىمىزنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ، ئائىلە ئىنتايىن مۇھىم ، ئايالغا خاس تەكەممۇللۇقنىڭ كاپالىتى ئائىلىدە . ئۇلار بۇنى نەچچە يىللىق مۇساپىرلىقنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرىدا تونۇپ يەتكەن . بىراق بۇنداق سادالار تازا ئومۇملىشىپ كېتەلمىدى . سەۋەبى ، بىز ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلمىگەن خەلق ، ئۈزۈل - كېسىل چۈشكۈنلەشكەن خەلق . ئوقىۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى خوشال قىلىدۇ ، بىراق ئانىلىققا سەل قارىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ . بىزدە ئانىلىقنىڭ ئىللىق ھەم تاتلىق مەۋسۈمىدىن خەۋەرسىز ھالدا سۇلۇپ كەتكەن گۈزەل قىزلار ئاز ئەمەس . ئۇلارنىڭ لاتاپىتى چارچىغان يىگىتلەرنىڭ تەسەللىسىگە ئايلانسا ، ساغلام بالىلارنىڭ خۇش ھاۋالىق باغچىسىغا ئايلانسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى - ھە ! تەدبىردىن خالى ھالدىكى ئارزۇ پەقەتلا بىر خىل ئاجىزلىق . ئەي گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى ، ئوقۇڭلار ، بىپايان جاھاننى چۈشىنىڭلار ، لېكىن ئۆزۈڭلارنڭ ئانا بولىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ! بۇرۇن بىر باتۇر يىگىت ئۆزىنڭ شىرمەتلىكى بىلەن بىر شەھەرنى قوغداپ قاپتۇ . ئۇ جەڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پادىشاھ ئۇنىڭغا : " مۇنداق ئۈچ نەرسىدىن بىرنى تاللىساڭ ، تەڭرى ئۇنى ساڭا ئىنئام قىلغۇسى : ئۇلار ئەقىل ، گۈزەللىك ، شەرم - ھايالاردۇر " دەپتۇ . باتۇر يىگىت ئازراق ئويلانغاندىن كېيىن : " ماڭا ئايال كېرەك " دەپتۇ . پادىشاھ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ . يىگىت :" ماڭا سىلى ئېيتقان ئۈچ نەرسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ئايال كېرەك " دەپ سۆزىنى تولۇقلاپتۇ . پادىشاھ قايىل بوپتۇ . باتۇرلۇق ھەرگىزمۇ قارام كۈچ ئەمەس . بەلكى ئەقىل - پاراسەت بىلەن كۈچنىڭ بىرلىگى . ئەقىل ، گۈزەللىك ۋە شەرم - ھايانى ئۆزىگە جەم قىلغان ئايالنىڭ پۇشتىدىن يەنىلا باتۇر تۇغۇلىدۇ . ئۇ مەيلى قىز ياكى ئوغۇل تۈغسۇن ، بۇنداق ئانلاردىن قەيسەر ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ . بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇكەممەل ئاياللىق دۇنياسىغا كىممۇ سەل قارىيالىسۇن . ئاياللارنىڭ قۇدرىتى دەل ئەنە شۇ يەردە . -
بۇ ھىكمەتنى بىلىۋېلىڭ.
ۋاقىت:2015/02/18 | تۈرى:مۇنازىرە سەھىپىسى
مال -دۇنيانى چوڭ بىلىدىغان كىشىلەرنى دوسىت تۇتما ، يوقسۇل بولساڭ سىنى خار كۆرىدۇ ،باي بولساڭ ساڭا ھەسەت قىلىدۇ . - ھەزرىتى ئەلى
بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۇنىڭ بىلىمى ئەمەس ، بەلكى ئادىمىيلىكى .-ئاتىلار سۆزى -
بىر غەمكىم كىشى دانىشمەندىن سوراپتۇ
ۋاقىت:2015/02/15 | تۈرى:مۇنازىرە سەھىپىسى
بىر غەمكىن ئادەم بىر دانىشمەندىن سوراپتۇ: ئى دانشىمەن، مىنى غەم بېسىۋالدى، قانداق قىلسام مۇشۇ غەمدىن قۇتۇلارمەن دەپ سىزگە كەلدىم. دانىشمەن: سىزدىن ئىككى سۇئال سۇرايمەن، جاۋاب بىرىڭ ! غەمكىن ئادەم: قېنى سۇراڭ ! دانىشمەن : سىز بۇ دۇنياغا كەلگەن ۋاقتىڭىزدا ئاشۇ غەم-قايغۇلارنى بىللە ئېلىپ كەلگەنمۇ؟ . غەمكىن ئادەم: ياق! دانىشمەن: سىز بۇ دۇنيادىن كىتىدىغان ۋاقتىڭىزدا ئاشۇ غەم-قايغۇلارنى بىللە بىر غەمكىن ئېلىپ كىتەمسىز؟. غەمكىن ئادەم: ياق ! دانىشمەن ئاخىرىدا مۇنداق دەپتۇ: سىز بىللە ئېلىپ كەلمىگەن ۋە بىللە ئېلىپ كىتەلمەيدىغان بىر ئىش ئىكەن.... ئەڭ ياخشىسى سىز بۇنچىلىك قايغۇرۇپ كەتمەڭ.دۇنيا ئىشلىرىدا سەبىرلىك بولۇڭ، سىزنىڭ يەرگە قارىغان ۋاقىتىڭىزدىن ئاسمانغا قارىغان ۋاقتىڭىز ئۇزۇنراق بولسۇن، شۇنداق بولغاندا بەختلىك بولالايسىز، تەبەسسۈم قىلىڭ، رىزقىڭىز تەقسىم قىلىنىپ بولغان، تەقدىرىڭىز بەلگىلىنىپ بولغان، دۇنيا ئىشلىرى قايغۇرۇشقا لايىق ئەمەس، چۈنكى پۈتۈن دۇنيا ئەھۋالى ھەر ۋاقىت تىرىك ۋە ھەممىنى ئۇرۇنلاشتۇرغۇچىنىڭ ئىلكىدە . -
بىر سانتىرلىق مۇستەققىلىق ئۇرۇشى
ۋاقىت:2015/02/10 | تۈرى:مۇنازىرە سەھىپىسى
بىر سانتىمېتىرلىق مۇستەقىللىق ھوقۇقى.
بېرلىن تېمى ئۆرۈۋېتىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ،يەنى 1992-يىلى 2-ئايدا بېرلىن تېمىنىڭ مۇھاپىزەتچى قاراۋۇلى ئېنگىل سىگفىرىدسوتقا تارتىلدى.بېرلىن تېمى ئۆرىۋېتىلىشتىن ئىلگىرى،27ياشلىق قاراۋۇل تامدىن ئاتلاپ ئۆتۈش غەرىزىدە بولغان،20ياشلىق كېللىس گېفلوينى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ئىدى.ئىككى دۆلەت خەلقىنى ئايرىپ تۇرغان بۇ تامىنىڭ تېگىدە ،نەچچە ئون يىل مابەينىدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شەرقى گېرمانىيىلىك 300قاچقۇن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ئېنگىلنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى سوت جەريانىدا جىنايەت گۇماندارىنىڭ باشقىچە تاللىشى يوق، ئۇ پەقەت بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچى ،گۇناناھسىز دەپ ئاقلاش ئېلىپ باردى لېكىن سوتچى”ساقچىلىق سالاھىتى بىلەن يوقۇرىنىڭ بۇيرىقىنى ئىجراقىلماسلىق جىنايەت بولىدۇ، لېكىن دەل جايىغا تەككۈزەلمەسلىك جىنايەت ئەمەس ،پىسخىكىسى ساغلام ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ دەقىقىدە سېنىڭ مىلتىقنىڭ سىتولبىسىنى بىر سانتىمېتىر يوقۇرى كۆتۈرۈش ھوقۇقۇڭ بولىدۇ،بۇ سېنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستۈڭگەئېلىشقا تېگىشلىك ۋىجدانى بۇرچۇڭ، بۇ جاھاندا قانوندىن باشقا يەنە ئەخلاق -پە زىلەت مەۋجۇت .قانون بىلەن ئەخلاق ئۆز –ئارا توقۇنۇشقاندا ئەخلاق ئەڭ ئالى ھەركەت مىزانى بولۇپ ئەكسىنچە قانون ئەمەستۇر.ھاياتنى قەدىرلەش ھەممىلا ئىنسان بىلىدىغان پىرىنسىپ “ دە پ قارىغان.نەتىجىدە قاراۋۇل ئېنگىل ،كېللىس گېفلوينى قەستەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن دىگەن ئاساس بىلەن مۇددەتلىك 3يىل 6ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە جازاسى ئىجرا قىلىنىش مەزگىلىدە شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى جاكارلانغان. -
towa hudayim towa.towa
ۋاقىت:2015/02/03 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار
بۇجاھان نىم بوپ كىتىپ باردۇ دەيمە ! ئۆزىنى سۇرىغان شە سۇراپتۇ دەيدۇ ، لىكىن ھازىر ساپلا ئۆزنى سۇرىيالمايدىغانلار شە سۇراۋاتىدۇ … ئىگىلگەن بۇيۇننى قىلىچ كەسمەپتۇ دەيدۇ ، لكىن ھازىر ئىگىلگەن بۇيۇننى ئاۋۋال قىلىچ كىسىۋاتىدۇ … پۇل تاپقۇچە يۈز تاپ دەيدۇ ، لىكىن ھازىر يۈز تېپىش ئۈچۈن ئاۋۋال پۇل تاپمىسا پۇلى يوق ئادەمنىڭ يۈزىمۇ بولماۋاتىدۇ …پۇلۇڭ مىڭغا يەتكۈچە دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن دەيدۇ ، لىكىن ھازىر پۇلى مى
ڭدىن ئاشمىغۇچە دوستى بىرگىمۇ يەتمەۋاتىدۇ … بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر بىلىمى چوڭ مىڭنى يېڭەر دەيدۇ ، لىكىن ھازىر ھەر ئىككىلىسى قايرىلىپ قېلىپ گىپى چوڭلار ھەممىنى يېڭىۋاتىدۇ … ھۆرمەت قىلساڭ ئىززەت كۈرەرسەن دەيدۇ ، لىكىن ھازىر ھۆرمەت قىلغانلار ئىززەت كۆرمەي ھەيۋە كۈرىۋاتىدۇ … ئەخمەقنىڭ دوستى تۇلا ، پىيازنىڭ پوستى دەيدۇ ، لىكىن ھازىر ئەخمەقلەر تۈگەپ ھەممە ئادەم قاقباش بوپ كەتكەچكە ھېچكىمنىڭ دوستى قالماۋاتىدۇ …تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ بوپتۇ دەيدۇ ، لىكىن ھازىر يولۋاسلار تەبىئىي ھالدا مايمۇنلارغا باش ئىگىۋاتىدۇ … شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ دەيدۇ ، لىكىن ھازىر دەرەخلەر جىم تۇرماي لىڭشىپ شامال چىقىرىۋاتىدۇ … -
Ikki yaxka toxmigan baliga jiddi yardam
ۋاقىت:2015/01/18 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار
ئىككى ياشقا توشمىغان ئىمرانجانغا ياردەم قىلايلى شىنجاڭ ئىشلەپ چىقىرىشقۇرلۇش بىڭتۈەنى 14-دىۋىزىيەسى گۇما دىھقانچىلىق مەيدانىدىن ئابلەت ھەسەننىڭئەمدىلا ئون سەككىز ئايلىق بولغان ئىمرانجان تولىمۇ ئوماق سەبىي بالا ئىدى،ئىمرانجان تۇيۇقسىز چىلان ئۇرۇقىنى يۇتىۋىلىپ چىلان ئۇرىقىنى ياندۇرالمىغان،بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئىمرانجاننىڭ قوسىقى ئاغرىپ كەتكەنلىك سەۋەپ بىلەنيىقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئەھۋالنى ئىيتقان. دوختۇرلار تەكشۈرۈپئىمرانجاننىڭ ئۈچىيىنىڭ تىشىلىپ كەتكەنلىكىنى، دەرھال تەدبىر قوللۇنۇپ داۋالاتمىسابالىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يىتىدىغانلىقى، يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىمىسەخەتەرلىك ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئىيتقان. ئىمرانجاننى خوتەنۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا جىىدىي داۋالىغان بولسىمۇ ئەسلىگە كىلەلمەي ئاپتونۇمرايۇنلۇق بالىلار كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەشنى ئىيتقان، دوختۇرلارنىڭئىيتىشىچە ئىمرانجاننىڭ كىسىلىنى داۋالاش چىقىمى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككىتىدىغانلىقىنى ئىيتقان. ئىمرانجاننىڭ ئاتا-ئانىسى خوتەن ۋىلايەتلىك دختۇرخانىدا90 مىڭ يۈەنلىك داۋالىتىپ بار ئىقتىسادى تۈگەپ ئاپتونۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىغايۆتكەشكە ئامالسىز تۇرماقتا. شۇ جايدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ۋەئۇرۇق-تۇققانلىرى، مەھەللە مەسچىت جامائەتلىرى، ئىشچى-كادىر ئاممىسى يىغىش قىلىپ26 مىڭ يۈەن غەملەپ ئۈرۈمچىگە مىڭىشقا تەييار تۇرماقتا. ئىمرانجاننىڭ ئاتا-ئانىسىھەرساھەدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەردىن ئىمرانجاننىڭ كىسىلىنى داۋالىتىشتاكىتىدىغان پۇلنى تەييارلاشتا جامىئەتتىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئاز بولسىمۇ كۆڭۈلبۆلىشىگە مۇھتاج بولماقتا. مۇشۇ مۇناسىۋت بىلەن ئىمرانجاننىڭ ئاتا-ئانىسى ۋەئوتلۇق ئۈندىدار باشقۇرۇش ئىشخانىسى، ئوتلۇق مەدنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى،ئوتلۇق توربىكىتى، شۇ يەردىكى ئاھالىلەر كومتىتى بىرلىكتە «ئىمرانجانغا ياردەمقىلايلى» تىمىسىدا ئىنتىرنېت تور دۇنياسى ئارقىلىق كەڭ خەلىق ئاممىسىغا مۇراجىئەتسۇندۇق ئالاقىلاشقۇچىلار:(ئىمرانجاننىڭ دادىسى) ئابلەت ھەسەنتىلفۇن: 15559437605 ئوتلۇق ئۈندىدار سالۇنى«ئىمرانجانغا ياردەم قىلايلى» سۇپىسىدىن: ئابدۇللا ئابابەكرىتىلفۇن: 13999940048 بانكا كارتا ھىساۋاتى:ئابلەتھەسەن阿卜来提·伊散يىزا ئامانەت قەرز كوپراتىۋى:6210082031439335 ئابلەت ھەسەن نامىدا باشقا ھىساۋات كارتىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئوتلۇقئۈندىدار سالۇنى ھىساۋات تەمىنلىدى، ھىساۋات نامى ئابدۇللا ئابا يىزا ئىگىلىك بانكىسى: 6228483700840968210نامى:阿卜杜拉·阿巴 سودا سانائەت بانكىسى: 6222023002020843473نامى: 阿卜杜拉·阿巴 ئالدامچىلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئالاقىلىشىپ ئاندىن سەمىيمىكۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەڭ، ئوتلۇق سالۇنى ئەسكەرتمىسى. ھەر قايسى ئۈندىدار سالۇنلىرى ۋە تور بىكەتلەر بىردەك ئۇلانما قىلسا بولىدۇ، مەزمۇنلارنىقالايمىقان ئۆزگەرتمەڭ، ئۆز پىتى كۆچۈرۈڭ. -
Bu uqurnu koprak tarkitinglar.balini tunuwalsun
ۋاقىت:2015/01/15 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار
بۇ ئۇكىمىزنىڭ ئىسمى شاھىمەردان بۇيىل 5ياش،بۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچى جەنۇبىي شىنخۇا يولىدىن تېپىۋېلىنغان،بۇ بالا ئاتامنىڭ ئىسمى مەمەت ،ئۆزەم تۇرپاندىن دېگەن،ئېنىق ئورنىنى دەپ بېرەلمەيدىكەن،شۇڭا تورداشلارنىڭ تۇنىسا دەرھال ئۆي ئىگىلىرىگە دەپ قويۇشىنى ،13999144154 بىلەن ئالاقىلىشىپ بالىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ …كۆرگەنلەر ئۆزەڭلەرنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويۇڭلار…
小孩名叫xayimardan'今年5岁. 今天早上在新华南路附近被找到. 小孩爸爸名叫mamat'是吐鲁番人. 有认识的速联系.13999144154 求转发...... 帮小孩尽快找到家人。 -
بۇ مۇراجەتنى تارقىتىپ قۇيۇڭلار
ۋاقىت:2015/01/06 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار خاپابولماي ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، بۇ تەۋسىيەنى تارقىلىپ قۇيۇڭلار … ئىسمى : تۇرغىناي تۈرمەمەت . يىشى : 13ياش يۇرتى: قورغاس ناھىيە سۈيدۈڭ بازىرى يىڭى ئاۋات كەنىت… ھازىردۇسلۇق دوختۇرخانا باللار بۈلۈمنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش ئۈيدە جان تالشىۋاتىدۇ [大哭]
[大哭]
[大哭]
[大哭]
[大哭]
… دۇختۇرلار ئاققان كىسلى دەپ دىئاگىنۇز قۇيۇپتۇ . ئۈرۈمچىگە يۈتكەشنى دىگەن بولسىمۇ ئىقتىساد جەھەتتىكى قىيىنچىلىق سەۋەبدىن يۈتكىيەلمەي قالدى . كەڭ ساخاۋاتچى دوسلانىڭ ياردەم قىلىپ بۇنارىسىدە ئوماق قىزمىزنى قۇتقۇزۋالايلى … ئاللاھ يۇلدا ياردەم قىلىڭلا …[大哭]
[大哭]
[大哭]
[大哭]
[大哭]
[大哭]
[大哭]
[大哭]
[大哭]
ئاقىلشىش نۇمىرى:13289993789 13179998162 -
hayir hox kilar yili kuruxayli
ۋاقىت:2014/12/27 | تۈرى:مۇنازىرە سەھىپىسى
خوش، كىلەر يىلى كۆرشەيلى، بالدۇرراق ئارام ئالاي، ئاللاھ كىلەر يىلى تېشلىق قوپقىلى نىسىپ قىلار. بۇ يىلمۇ چىقىپ كەتتى . نۇرغۇنلىغان يوقۇتۇش ۋە ئىرشىش ، نۇرغۇنلىغان پۇشايمان ۋە ئىنتىلىش ، نۇرغۇنلىغان خۇشاللىق ۋە خاپىلىق ، ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى ……ئەمما يۇرگۈمدە ساقلاغلىق گۈزەل ئەسلىمىلىرىم بار ……ئادەم دۇنيادا مىڭ يىل ياشىمايدىكەن . ھەم ئۆزىنىڭ دۇنيادىن قاچان قايسى كۈن كىتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن . شۇڭلاشقا مەن سەۋەپلىك ياكى مىنىڭ ئىش - ھەركەت ، گەپ سۆزلىرىم سەۋەپلىك مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن چىن قەلبىمدىن ئەپۇ سورايمەن ! ……ئاللاھ ھەممىمىزنى ئەپۇچان قىلسۇن ! …… شۈكرى اللاھ ! -
كۈنلەرنىڭ بىرىدە.مەن كىتىپ قالسام
ۋاقىت:2014/12/19 | تۈرى:مۇھىببەت تەرمىلىرى
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز بۇ ئالەمدىن ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى يۈرۈكۈمگە مەھكەم بېسىپ كىتىپ قالسام زادى كىملەرنىڭ دۇئاسى ماڭا ھەمراھ بۇلار ؟ كىملەر مىنى سېغىنىپ ياش تۆكەر ؟ يەنە كىملەر قاقاھلاپ
كۈلەر ؟ -
تىل ئۈگۈنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرى
ۋاقىت:2014/12/16 | تۈرى:پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى
تىل تەپەككۇر ئەينىكى، بىر تىلنى كۆپ بىلسە شۇ تىلنىڭ تەپەككۇرىنى بىلدى دېگەنلىك. ئەلۋەتتە تۇرمۇشىمىزدىكى تىلنىڭ زۆرۈرىيەت ھەم مەجبۇرىيەتلىكى ھەممىمىزگە ئايان، بۇ توغرىسىدا ئارتۇقچە سۆزلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇيەردە ئېيتىدىغىنىم تىل ئارقىلىق شۇ مى... -
10سوم بىرىپ بىر يىتىمنىڭ كىيىمىنى پۈتۈن قىلدىغانلار يوق ، ئەمما 100سوم بىرىپ بىر پاھىشەنىڭ كىيىمىنى سالدۇردىغانلار كۆپ ! مانا بۇ بىزدىكى ئاتالمىش غورۇر
ۋاقىت:2014/12/06 | تۈرى:مۇنازىرە سەھىپىسى
10سوم بىرىپ بىر يىتىمنىڭ كىيىمىنى پۈتۈن قىلدىغانلار يوق ، ئەمما 100سوم بىرىپ بىر پاھىشەنىڭ كىيىمىنى سالدۇردىغانلار كۆپ ! مانا بۇ بىزدىكى ئاتالمىش غورۇر -
تۈرمىدىن قېچىش1-قىسىمدىن4-قىسىمغىچە
ۋاقىت:2014/12/05 | تۈرى:كىنو فىلىملەر
تۈرمىدىن قېچىش1-قىسىمدىن4-قىسىمغىچە ئاخرى داۋاملىق يوللىنىدۇ
-
شوپۇرلار دىققەت
ۋاقىت:2014/12/04 | تۈرى:تىبابەت ۋە ساغلاملىق
ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى .ئوقۇغۇچىلار كىيىمنى قېلىن كىيگەنلىكتىن ،قولاشمىغان ھەركەتلىرى بىلەن ئېغىر سومكىسىنى كۆتۈرۈپ مەكتەپكە يول ئالماقتا،كەچ سائەت 5بىلەن ئوقوغۇچىلار دەرىستىن چۈشىدۇ .كۆپ ئوقوغۇچىلارنىڭ كەچلىك مۇزاكىرىسى بار .ھاۋا تېخىمۇ سوغۇق.شوپۇر قېرىنداشلار،ماشىنىنىڭ ھاۋا تەڭشۈگۈچىسى بار،شۇڭا سوغۇقتىن شۈمشىيىپ ،قەدەملىرىنى تېز تېز ئىللىق ئائىلىسىگە تاشلىغان شۇ مەسۈم ئوقوغۇچىلار سىلەردىن يول تالاشسا ئۇلارغا يول بېرىڭلار ،بەلكىم ئۇلار توڭلىغاندۇ سىز ماشىنىدا ،ماشىنا سىرتىنىڭ نەچچىلىك سوغۇقلىقىنى ھېس قىلالمايسىز .ئوقوغۇچىلارنىڭ يولدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا يول بېرىڭلار .چۈنكى ئۇلار تېخى كىچىك رەھمەت سىلەرگە . ،قوللايدىغانلار تاقىتىڭلار[em]
-
دانالار ھىكمەتلىرىدىن
ۋاقىت:2014/12/01 | تۈرى:مۇھىببەت تەرمىلىرى
دانالار ھېكىمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
دانالار ھېكىمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر تەكەببۇرلۇق ، ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىش ۋە ئالدىراقسانلىق كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ چوڭ خادا تاشتۇر .----- بالزاك دانا ئادەم ئۆز دۈشمىنىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنۋالىدۇ . ------ ئارسىتوفان كىم قانچىلىك نادان بولسا ، خۇلاسە چىقىرىشقا شۇنچە ئالدىرايدۇ . ------ ئە ، كۈندىلىياك ئادەم ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى بىلگەندىلا ، ئاندىن قابىل ھەم كۈچلۈك بولىدۇ . -------- گوركىي بىلگىنىڭنى ھە دەپ سۆزلەۋەرمە ، ئەمما سۆزلەۋاتقىنىڭنى بولسا ھەر ۋاقىت بىل . ------- م ، گ ، ئۇدىئوستەجىرىبە گوياكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئوخشايدۇ ، ئۇ سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئەخمەق ئىكەنلىكىڭىزنى تونۇتىدۇ .----- كوسمو ساردو ھەقىقەت تەنقىدنى ياخشى كۆرۈدۇ ، چۈنكى ، ھەقىقەت تەنقىدا ئارقىلىقلا غەلبە قىلالايدۇ . سەپسەتە تەنقىدتىن قورقىدۇ ، چۈنكى سەپسەتە تەنقىد ئارقىلىق مەغلۇپ بولىدۇ . --------- دىدروت خالايىقنىڭ ئېغىزنى يېپىشتىن دېڭىزغا كۆۋرۈك سېلىش ئاسانراق ، قۇتۇلۇش قىيىن بولغان ئادەمگە نەپرىتىڭنى بىلدۈرمە .بىلىمسىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئادەمنىڭ 100 كوزا تىللاسى بولسىمۇ گادايدۇر .-------- خۇسراۋ دېھلەۋىكىمكى دېڭىز دولقۇنلىرىدىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ سەپەر قىلمىسا ، تۈرلۈك-تۈمەن تەشۋىش- مۇشاقەتلەرنىڭ سۈينى ئىچمىسە ، ئۇ ھەقىقى راھەت-پاراغەتكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ .--- زەمەشەھىرى ئىككى نەرسە باركى ، كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ ، بىرى ساغلامىلىق ، يەنە بىرى ، بوش ۋاقىت .----- تىرمىزى بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ، كۆز ، ئېغىز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىلى -------- لوقمان ھېكىم ئۆزگىنى بىلگەنلەر زېرەك ، ئۆزىنى بىلگەنلەر دانادۇر -------- لاۋزى ئىككى خىل ئادەم ياراملىق بولالمايدۇ :بىر خىلى ، باشقىلار ئىش قىلىشقا بۇيرىمىسا ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلمايدىغان ئادەم.ئىككىنچى خىلى ، باشقىلار ئش قىلشقا بۇيرىغان تەغدىردىمۇ ئشىنى يەنىلا ئوبدان قىلالمايدىغان ئادەم .----- دالى كارنىگ ھەرقانداق مۇشكۈل سۇئالىڭ بولسا دانالاردىن سورا، ئەمما نادان ئادەملەر بىلەن مۇنازىرلىشىپ زېھنىڭنى ئۇپراتما .------ نۆبىتىسەن ئۆزۈڭ بىلەن كۈلگەن ئادەمنى ئۇنتۇپ كېتىشىڭ مۇمكىن ، ئەمما ئۆزۈڭ بىلەن بىللە يىغلىغان ئادەمنى ئەبەدىي ئۇنتىمايسەن .------- جېبرانئەقىللىق ئادەملەر كۆپنى بىلىدىغان ئادەملەر بولماستىن ، بەلكى ئۆزىگە لازىملىق نەرىسلەرنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ئادەملەردۇر .------ لىنكولىن كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما ، بىلگىنكى ئوق يارىسى ساقىيىدۇ ، تىل يارىسى ھەرگىز ساقايمايدۇ ،------- ئەخمەت يۈكنەكى 0条评论 -
ئۆينى مۇنداق ياسايلىمۇ.بولامدىكەنيە
ۋاقىت:2014/11/27 | تۈرى:بېزەكچىلىك
-
يات مىللەت بىلەن توي قىلماسلىق كىرەك زادى
ۋاقىت:2014/11/27 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار
-
كىرىپ قاپتۇ خۇتۇن چۈشۈمگە
ۋاقىت:2014/11/23 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار
كىرىپ قاپتۇ مائاش چۈشۈمگە
كىرىپ قاپتۇ مائاش چۈشۈمگە،بەش مىڭ كوينى ئالغىن دىگۈدەك،ئاي توشقىچە يەتمىسە بۇ پۇل،ئون بەش كۈندە يەنە بەرگۈدەك،كىرىپ قاپتۇ مائاش چۈشۈمگە،جۇغلانمىلار كەلدى دىگۈدەك،ئون مىڭ كويدىن مۇكاپاتمۇ بار،جابەر پۇلى قوشتى دىگۈدەك.كىرىپ قاپتۇ مائاش چۈشۈمگە،كا بىجىرىڭلار يەنە دىگۈدەك،بىر كارتىغا پاتمايدۇ پۇللار،ھىساپ ئېچىڭ قايتا دىگۈدەك.كىرىپ تۇرغىن يانچۇققا مائاش،زەپ سىغىندىم سىنى ئەي ئاداش.بۇ چۈش ئەمەس، رىئاللىق دېسەم،خوتۇنۇم نوقۇپ ئويغۇتۋەتكۈدەك. -
19ماددىلىق خۇتۇن باشقۇرۇش تۈزۈمى.
ۋاقىت:2014/11/22 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار
خوتۇنلارغا 19ماددىلىق تۈزۈم2014-11-17 RohlanBBS خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېڭىلاش ، ئاۋام پۇقرانىڭ ئائىلە ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئائىلىلەرنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاش ۋە ئاياللارنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر «تۈزۈم» تۈزۈپ چىقىلدى.مەزكۇر تۈزۈم چوڭ- كىچىك شەھەر، ناھىيە بازارلىرىدىكى باشباشتاق، تۇرمۇشى تەرتىپسىز ياش چوركانلارغا تەتبىقلىنىدۇ. ۋۇجۇدى پاك، سەمىمىي، مۇلايىم، كۆيۈمچان، ۋاپادار ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ. ئەھلى مەزلۇملىرىمىز ۋاقىپلانغاي:1. خوتۇن كىشىنىڭ ئېرىنى سۆيۈش ۋە ئۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، ئېرىنىڭ يېتەكلىشىگە مۇتلەق بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئائىلىۋى مەشغۇلات ۋاقتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئەتىگىنى سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاش (ئۆلچىمى ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۈچۈن بىر كوي)، ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەسلىك- ھورۇنلۇق قىلماسلىق، كەچتە سائەت 11:30دىن كېيىن ئۇخلاش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يۈز يۇيۇش ۋاقتى 3 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ بىر كۈن جاپالىق ئىشلىگەن ئېرىنىڭ بەدىنىنى تۇتۇپ قويۇش، بالىنىڭ قىيا-چىيا قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە لىڭتاسمىلىق قىلماسلىق، غۇدرىماسلىقى لازىم. مۇلازىمەت سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش مەنئىي قىلىنىدۇ، ھېيت-بايرام ۋە ئارام كۈنلىرى دەم ئېلىش چەكلىنىدۇ.2. خوتۇن بولغۇچى تەربىيلىنىپ تۇرۇشى، ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن سىرت، يەنە ئۆينى ئالىي مېھمانسارايلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە رەتلىك تۇتۇشى ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تېبابەت ساۋاتلىرىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. 3. خوتۇن بولغۇچى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئائىلىدە رەتسىز ، قالايمىقان كىيىنىپ يۈرمەسلىكى(ئۇخلاش كىيىمى بۇنىڭ سىرتىدا)؛ سىرتقا چىققاندا، ساڭگۇل-سۇڭگۇل، ئالا-بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرمەسلىكى، «ئاشخانىغا كىرگەندە ئۇستا ئاشپەز، ئاشخانىدىن چىقىپلا لېۋەن يارلار» بولۇشى كېرەك. 4. خىزمەتتە بولسا، ھەر ئايلىق ئىش ھەققى، مۇكاپاتى ۋە بارلىق كىرىملىرىنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم تولۇقى بىلەن ئېرىگە تاپشۇرۇشى ھەم بۇنىڭغا قارشى ئىدىيىدە بولماسلىقى، يوشۇرۇن پۇل ساقلىماسلىقى؛ ھەر كۈنلۈك چىقىمى 10 كويدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى (ھېيت-بايرامدىن سىرت)كېرەك.ئەركىشىدە ئايالىنىڭ چىقىم ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. 5. ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئورنىدا كۆرۈپ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسرىشى ، ھۆرمەتلىشى لازىم. ھەدىسىلا بىرتەرەپلىمە ھالدا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ ئائىلىنىڭ ئىناق كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق. 6. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئايالنىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى قاتار چايلارغا قاتنشىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. 7. ئائىلىدە ئەرنىڭ مۇتلەق نوپۇزى گەۋدىلىنىشى، ئىچىش- چېكىشىگە زىيادە چەك قويۇلماسلىقى، يېرىم كېچىدە ياكى تاڭ ئاتقاندا كەلسە كۆپ سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى لازىم. ئايال بولغۇچى «كۇرىيە فىلىم»لىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئەشۇ فىلىملاردىكى ئايال پېرسۇناژلارغا ئوخشاش ئېرىگە ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىشى لازىم. 8. ئېرىگە خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ، ئەر بولغۇچىنىڭ خۇش كەيپىنى بۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تېلېفون بەرمىسە بولمايدىغان ئىش چىققاندا تېلېفون قىلىشى، تېلېفوندا پەقەت ئاساسىي مەقسەتنىلا سۆزلىشى لازىم. تېلېفوندا سۆزلەشكەن ئومۇمىي ۋاقتى بىر مېنۇتتىن ئاساسەن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 9. ھە دېسىلا ئاغرىپ قېلىپ، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا، ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق. داۋاسى يوق (مەسىلەن، راك دېگەندەك) كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن باشقا كېسەللىكەرنى كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئاز تاماقلىنىش بىلەن داۋالىشى، ئىڭراپ يېتىۋالماسلىقى لازىم. 10. خوتۇن بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنى كۈندە مەكتەپكە ئېلىپ بېرىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرقانداق سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرمەسلىكى؛ ئارام كۈنلىرىمۇ «نۆۋەتچىلىك » مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئائىلىۋى تاماقنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پەرزەنتىنى سىرتتا ئوينۇتۇش(تاكسىغا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ)، ياكى قېينانىسىغا ھەمراھ بولۇشى كېرەك. 11. خوتۇن بولغۇچىنىڭ ئائىلىنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئۆينىڭ تازىلىقى بىر كۈندە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ. 12. ھيت-بايرامدىن باشقا كۈنلىرى خالىغانچە تېلېۋىزور كۆرۈشكە رۇخسەت يوق، ئېرى ياكى بالىلار بىلەن تىزگىنەكنى تالىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ؛ ئۆيدە قالايمىقان ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش زۆرۈر بولغاندا، ئېرى ياقتۇرمايدىغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن باشقىلىرىنى تاللاپ كۆرۈشكە بولىدۇ. 13. يات ئەرلەرگە(9ياشتىن-70ياشقىچە) قاراش ۋاقتى ھەر قېتىمدا 3سېكونتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بىر ئەرگە قارىغان ئومومىي ۋاقتى بىر كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئوغۇل ساۋاقداشلىرى بىلەن خەت يېزىشماسلىقى، كۆرۈشمەسلىكى ۋە توردا ئۇچراشماسلىقى؛ باشقا ھەرقانداق ئەرلەرنىڭ ئالدىدا تېلىقىپ كۈلمەسلىكى، غىلجىڭلىماسلىقى ۋە قېرىنداشلىرىدىن باشقا ئەرلەر بىلەن يالغۇز ئۇچراشماسلىقى كېرەك. 14. سېرىق كىنو-تېلېۋىزىيە لېنتىسى، قىمار ۋە زەھەر بىلەن ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ؛ تاماكا چېكىشكە، ھاراق ئىچىشكە ۋە قالايمىقان ئاياللار بىلەن دوست بولۇشقا ، ياكى ئېرى ياقتۇرمايدىغان ھەرقانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. مۇبادا مۇشۇنداق قىلمىشى بايقىلىپ قالسا، دەرھال نىكاھدىن ئاجرىشىشى شەرت، شۇنىڭدەك ئاجراشقاندىن كېيىنكى بارلىق مال-مۈلۈك ئەرگە تەۋە بولىدۇ، خوتۇن بولغۇچى قاقسەنەم قىلىنىپ ئۆيدىن قوغلىنىدۇ. 15. خوتۇننىڭ بىرەر ئىش توغرىسىدا ئېرىگە دادلىنىشى ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دەرد تۆككەندە ئاۋازىنى پەس، مۇلايىم چىقىرىشى كېرەك. 16. ئەر تەرەپ خوتۇننىڭ پارچە خىراجىتى، گىرىم بويۇملىرىنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، ئائىلىنىڭ كىرىمىگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ھەر ئايدا مۇۋاپىق خىراجەت بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئائىلىدە تاماق، تازىلىق ئىشلىرى ، ئېرىگە بوي سۇنۇش، كۆرۈنۈش- قىياپىتى ۋە مۇلازىمەت پوزىتسىيىسى قاتارلىق بەش تەرەپتىكى ئەھۋالىنى باھالاپ، ھەر بىر تۈرگە 20 نومۇردىن، جەمئىي 100نومۇر بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش؛ خوتۇن بولغۇچى ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى باھالاش ۋە ئاخىرىدا ئېرى خۇلاسە قىلىپ نومۇر قويۇش كېرەك.17. خوتۇننىڭ باھالاشتا ئېرىشكەن نومۇرى 90 غا يەتسە، ئېرىنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەققىنىڭ %5 نى، ئەگەر 85 كە يەتسە، %4نى ، 80نومۇرغا يەتسە، %3نى مۇكاپات تەرىقىسىدە خوتۇنىغا بېرىش، 80 نومۇرغا يەتمىسە لاياقەتسىز ھېسابلاپ بىر پۇڭمۇ بەرمەسلىك؛ ئەگەر ئۇدا يېرىم يىلغىچە لاياقەتسىز بولۇپ، ئۆلچەمگە يېتەلمىسە، ئۆزلۈكىدىن نىكاھدىن ئاجرىشىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەگەر ئۇدا ئىككى يىل لاياقەتلىك بولۇپ باھالىنىپ، ئۆلچەمگە يەتسە ۋە نەتىجىسى 90 نومۇرغا يەتسە، «ياخشى» ئايال دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىپ، مۇكاپاتنى %1 تىن %10كىچە ئۆستۈرۈپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىككى كۈنلۈك ئارام بېرىش-تىنىۋېلىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك. بۇ ئارام كۈنى شۇ ۋاقىتتىلا ھەم شۇ يىلىلا ئىناۋەتلىك بولىدۇ. ھەممىنى يىغىپ بىراقلا ئارام ئېلىشقا بولمايدۇ. 18. خوتۇن بولغۇچى ئائىلىنىڭ ئەدەپ-ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلىشى، ئەدەپتىن چىققان بارلىق ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېرىگە دوكلاد قىلىپ، تۇيۇق يولغا مېڭىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم . ئېرىنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئۆزىنى تەنقىت قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى كاچاتلاش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. 19. مەزكۇر «تۈزۈم» ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ ،ئۇنىھەر بىر ئائىلىدىكى ئەر نازارەت قىلىپ يۈرگۈزىدۇ ھەمدە ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇرقى «تۈزۈم» گە قارىتا باشقىچە پىكىر ۋە گۇمانىي قاراشلار بولسا،مۇئەللىپ بىلاقىلاشسە بولىدۇ. ئادرېسى: زالىملار كوچىسى، سوغكۈلكە مەھەللىسى، قاتتىق قول ئەر قورۇسى. ۋاقتى: يولۋاس يىلىنىڭ كۆكلەم پەسلى. روھلان مۇنبىرىدى -
بەزىلەر مەن ئۈچۈن ئارمان
ۋاقىت:2014/11/22 | تۈرى:مۇھىببەت تەرمىلىرى
بەزىلەر مەن ئۈچۈن ئارمان، مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن بىر چۈش، ئويغانسام ھىچنەردىن تاپقىلى بولمايدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن قوياش، ماڭار يولومدا ئۈن - تىنسىز پارلاپ تۇرىدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن ئايدۇر، ئون بەش كۈن بار، ئون بەش كۈن يوق. بەزىلەر مەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك نىشان، مەيلى مەن مەغلۇپ بولاي ياكى غەلبە قىلاي يىقىلغان يەردىن دەس تۇرغان زامان يەنە داۋاملىق شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن كۆكلەم باھار، ئۆمۆر گۈللىرىمنى پورەكلىتىدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن زىمىستان قىش، ھايات يولومدا شىۋىرغان پەيدا قىلىدىغان. بەزىلەر مەن ئۈچۈن سەپەرداش، كىيىنكى بىكەتتە چۈشۈپ قالىدىغان ....... مەيلى كىملەر مىنىڭ نىمەم بولىشىدىن قەتئىنەزەر، مىنىڭ ھاياتىم ئەنەشۇ ئارمانلىرىم،چۈشلىرىم بىلەن، ئاي -قوياشلىرىم بىلەن، قىش- باھارلىرىم بىلەن ھەقىقى مەنىسى تاپىدۇ. شۇلار بولغاچ مىنىڭ ھاياتىم تىخىمۇ گۈزەلدۇر....... -
ئۆي بېزەكچىلىكىدە ئۆي سەرەمجانلارنى ياسىغان ياخشىمۇ.ياكى سېتىۋالغان ياخشىمۇ.
ۋاقىت:2014/11/10 | تۈرى:بېزەكچىلىك
ئۆي بىزەكچىلىكىدە ئۆي سەرەمجانلىرىنى بازاردىن سېتىۋالغان ياخشىمۇ ياكى ياساتقان ياخشىمۇ؟ئۆي بىزەكچىلىكىدە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆي بىزەكچىلىكىنى نوقۇل ھالدا ياساش دەپ چۈشىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆي بىزەكچىلىكىدە كېيىنلىكنى ئويلىشىش تولىمۇ زۆرۈر. ئۆي كۆچۈش، سېتىۋېتىش سەۋەبىدىن ئۆي بىزەكچىلىكىدە ياسىغان بىرمۇنچە سەرەمجاننى ئۆيدىن ئىلىپ كىتىشكە بولماي قالىدۇ، چۈنكى ياسالغان سەرەمجانلار مۇقىملاشتۈرىۋىتىلگەن ياكى بۇزۇپ قۇراشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. قايتا ئۆيگە كۆچكەندە يەنە قايتىدىن بۇ ئازاپلىق بىزەكچىلىك كەچۈرمىشلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈش تولىمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۆي سەرەمجانلىرىنى بازاردىن ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن سېتىۋىلىش مۇۋاپىقراق. يىقىندىن بۇيان باشقا بىرخىل بىزەكچىلىك يەنى زاۋۇتلاشقان بىزەكچىلىك دۇنياغا كەلدى. بۇ خىل بىزەكچىلىك ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى يوقۇتۇپلا قالماي، ئىقتىسادى جەھەتتە نۇرغۇن پۇل تىجەشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلى بولۇپ، كاۋچۇك يېلىمىدىن ئىشلەنگەن ۋە ياغاچ ماتېرىيالىدىن ئىشلەنگەن ماتېرىياللارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىكىتىسىزدە، ئۆيىڭىزنىڭ تام تورۇس، ئىشىك دەرىزىلىرىنى تۈزەشتۈرگەندىن كىيىنلا باشقا سەرەمجانلارنى زاۋۇتقا بۇيرۇتسىڭىز ئىش تامام ۋەسسالام. بۇخىل بىزەكچىلىككە كىتىدىغان ۋاقىت ئادەتتىكى ئۆيلەرنىڭ كىچىككەندىمۇ 50 كۈندە تاماملىنىدۇ. ئۆي ئىچىدە ياغاچ پۇرىقى، مەينەتچىلىك، سىر پۇرىقى قاتارلىقلار ئاساسەن بولمايدۇ. كىتىدىغان چىقىممۇ ئەنئەنىۋى بىزەكچىلىكتىن خىلىلا تۆۋەن. شۇ سەۋەپتىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەمدە مىللى ئۆي جاھازىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى بىلەن دىگۋار تۈزدۇق، خىرىدارنى باشلاپ بارىمىز، خىرىدار ئۆزى خالىغان سەرەمجانلارنى ئۆزىنىڭ ئىختىيارى بويىچە تاللايدۇ، باھا كىلىشىدۇ، بىز بولساق ئۆي ئۆلچىمىنى ۋە لايىھەنى شۇ زاۋۇتقا تاپشۇرىمىز خالاس. تام توروسلار ياسىلىپ بولۇنغاندىن كىيىن زاۋۇت خادىملىرى كىلىدۇ،-دە، بىر ياكى ئىككى كۈندە ئىشلەپچىقىرىلغان سەرەمجانلارنى ئۆز جايىغا قۇراشتۇرۇپ تۈگىتىدۇ. بۇخىل بىزەكچىلىكنىمۇ خەلق ئاممىسىغا تەۋسىيە قىلىمىز، كىشىلەرنىڭ، بۇخىل بىزەكچىلىك ناچار دەيدىغان خاھىشىغا ھەمدە خاتىمە بىرەلەيمىز، چۈنكى ئەنئەنىۋى بىزەكچىلىكىمىزدىكى ھۈنەرۋەنلىرىمىزنىڭ ھالىمۇ ئۇنچە ياخشى ئەمەس. www.didar881.comPageview 1552Report -
ئۇيغۇر بېزەكچىلىكى
ۋاقىت:2014/11/05 | تۈرى:بېزەكچىلىك
مەركىزىمىز لاھىيەلەپ بىزەپ چىققان ئۆي.ئالاقە نۇمۇر.13565434290 -
ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ھﯘﯞﻟﯩﻤﺎﻗﺘﺎ
ۋاقىت:2014/10/21 | تۈرى:مۇھىببەت تەرمىلىرى
ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﺪﻩ
ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻳﯚﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ. ﻗﺎﻥ - ﻳﺎﺵ، ﺋﯩﺲ - ﺗﯜﺗﻪﻙ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺸﻼﻗﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﯗﻡ. ﻣﻪﻥ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ. ﻣﻪﻥ ﻛﻮﻧ... -
دۇنياداھەممىدىن ئاشىق بولماق تەس
ۋاقىت:2014/10/21 | تۈرى:نادىر شېئىرلار سەھىپىسى
دۇنياداھەممىدىن ئاشىق بولماق تەسخەت يېزىپ مەخپىرەك بەرمىسەڭ تېخىجاۋاپ دەپ ئارقىدا يۇرمىسەڭ تېخىئاھ ئۇرۇپ ئارقىدا يۇرمىسەڭ تېخى ھازىرغۇ مەشۇقنىڭ ھالى چوڭجاھاندا ھەممىدىن ئاشىق بولماق تەسكۇلسە گەر ئامال يۇق بىزمۇ تەڭكۇلىمىز توختىسا كۇلۇشتى... -
ئازابلـىق ئايرىــلىش مىنــۇتلىرى..
ۋاقىت:2009/03/18 | تۈرى:نادىر شېئىرلار سەھىپىسى
ھاۋا تۇتۇق، قەدەملىرىم شۇنداق ئېغىر، بىر خىل ۋەھىمە ئىچىدە ئالدىمغا قاراپ ماڭماقتىمەن......
كۈندىكىدەك ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قاراپ مېڭىۋاتىمەن. گەرچە ماڭغان يولۇم كۈندىكىگە ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما كەيپىياتىم ئوخشىمايتتى. قەدەملىرىممۇ شۇنداق ئېغىر..... ... -
ئەڭ ئىقتىدارلىق مۇزىكا ئىشلەش دېتالى CoolEdit 2.0
ۋاقىت:2008/11/11 | تۈرى:نادىر شېئىرلار سەھىپىسى
ئەڭ ئىقتىدارلىق مۇزىكا ئىشلەش دېتالى CoolEdit 2.0دېتال ئىسمى CoolEdit 2.0 Pro 中文汉化版.rar
بۇ دېتال ئىقتىدارلىق بولغان مۇزىكا تەھرىرلەش .ئاۋاز ئېلىش دېتالى بۇلۇپ ھازىرقى دېتاللارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھىساپلىنىدۇ
چۈشۈرۈش ...