• ئۆي بېزەكچىلىكىدە ئۆي سەرەمجانلارنى ياسىغان ياخشىمۇ.ياكى سېتىۋالغان ياخشىمۇ.

    ۋاقىت:2014/11/10 | تۈرى:بېزەكچىلىك

    ئۆي بىزەكچىلىكىدە ئۆي سەرەمجانلىرىنى بازاردىن سېتىۋالغان ياخشىمۇ ياكى ياساتقان ياخشىمۇ؟ئۆي بىزەكچىلىكىدە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆي بىزەكچىلىكىنى نوقۇل ھالدا ياساش دەپ چۈشىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆي بىزەكچىلىكىدە كېيىنلىكنى ئويلىشىش تولىمۇ زۆرۈر. ئۆي كۆچۈش، سېتىۋېتىش سەۋەبىدىن ئۆي بىزەكچىلىكىدە ياسىغان بىرمۇنچە سەرەمجاننى ئۆيدىن ئىلىپ كىتىشكە بولماي قالىدۇ، چۈنكى ياسالغان سەرەمجانلار مۇقىملاشتۈرىۋىتىلگەن ياكى بۇزۇپ قۇراشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك بولىدۇ. قايتا ئۆيگە كۆچكەندە يەنە قايتىدىن بۇ ئازاپلىق بىزەكچىلىك كەچۈرمىشلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزۈش تولىمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۆي سەرەمجانلىرىنى بازاردىن ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن سېتىۋىلىش مۇۋاپىقراق. يىقىندىن بۇيان باشقا بىرخىل بىزەكچىلىك يەنى زاۋۇتلاشقان بىزەكچىلىك دۇنياغا كەلدى. بۇ خىل بىزەكچىلىك ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى يوقۇتۇپلا قالماي، ئىقتىسادى جەھەتتە نۇرغۇن پۇل تىجەشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلى بولۇپ، كاۋچۇك يېلىمىدىن ئىشلەنگەن ۋە ياغاچ ماتېرىيالىدىن ئىشلەنگەن ماتېرىياللارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىكىتىسىزدە، ئۆيىڭىزنىڭ تام تورۇس، ئىشىك دەرىزىلىرىنى تۈزەشتۈرگەندىن كىيىنلا باشقا سەرەمجانلارنى زاۋۇتقا بۇيرۇتسىڭىز ئىش تامام ۋەسسالام. بۇخىل بىزەكچىلىككە كىتىدىغان ۋاقىت ئادەتتىكى ئۆيلەرنىڭ كىچىككەندىمۇ 50 كۈندە تاماملىنىدۇ. ئۆي ئىچىدە ياغاچ پۇرىقى، مەينەتچىلىك، سىر پۇرىقى قاتارلىقلار ئاساسەن بولمايدۇ. كىتىدىغان چىقىممۇ ئەنئەنىۋى بىزەكچىلىكتىن خىلىلا تۆۋەن. شۇ سەۋەپتىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەمدە مىللى ئۆي جاھازىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى بىلەن دىگۋار تۈزدۇق، خىرىدارنى باشلاپ بارىمىز، خىرىدار ئۆزى خالىغان سەرەمجانلارنى ئۆزىنىڭ ئىختىيارى بويىچە تاللايدۇ، باھا كىلىشىدۇ، بىز بولساق ئۆي ئۆلچىمىنى ۋە لايىھەنى شۇ زاۋۇتقا تاپشۇرىمىز خالاس. تام توروسلار ياسىلىپ بولۇنغاندىن كىيىن زاۋۇت خادىملىرى كىلىدۇ،-دە، بىر ياكى ئىككى كۈندە ئىشلەپچىقىرىلغان سەرەمجانلارنى ئۆز جايىغا قۇراشتۇرۇپ تۈگىتىدۇ. بۇخىل بىزەكچىلىكنىمۇ خەلق ئاممىسىغا تەۋسىيە قىلىمىز، كىشىلەرنىڭ، بۇخىل بىزەكچىلىك ناچار دەيدىغان خاھىشىغا ھەمدە خاتىمە بىرەلەيمىز، چۈنكى ئەنئەنىۋى بىزەكچىلىكىمىزدىكى ھۈنەرۋەنلىرىمىزنىڭ ھالىمۇ ئۇنچە ياخشى ئەمەس. www.didar881.comPageview 1552Report
    分享到:
    بەت ئارىسى ئېلانى اھادىر نادىر يازمىلار دەرىسلىكلەر بىلوگى