• ئابدۇقادىر جالالىدىن نەسىھەتلىرى.

    ۋاقىت:2015/02/23 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار


    ئابدۇقادىر جالالىدىن بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بوسۇغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەت بىلەن بوسۇغىنىڭ تېشىدىكى قىممەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرمىسە بولمايدىغان يەرگە كەلدى . ئوقىغان ئاياللىرىمىزنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ، ئائىلە ئىنتايىن مۇھىم ، ئايالغا خاس تەكەممۇللۇقنىڭ كاپالىتى ئائىلىدە . ئۇلار بۇنى نەچچە يىللىق مۇساپىرلىقنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرىدا تونۇپ يەتكەن . بىراق بۇنداق سادالار تازا ئومۇملىشىپ كېتەلمىدى . سەۋەبى ، بىز ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلمىگەن خەلق ، ئۈزۈل - كېسىل چۈشكۈنلەشكەن خەلق . ئوقىۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى خوشال قىلىدۇ ، بىراق ئانىلىققا سەل قارىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ . بىزدە ئانىلىقنىڭ ئىللىق ھەم تاتلىق مەۋسۈمىدىن خەۋەرسىز ھالدا سۇلۇپ كەتكەن گۈزەل قىزلار ئاز ئەمەس . ئۇلارنىڭ لاتاپىتى چارچىغان يىگىتلەرنىڭ تەسەللىسىگە ئايلانسا ، ساغلام بالىلارنىڭ خۇش ھاۋالىق باغچىسىغا ئايلانسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى - ھە ! تەدبىردىن خالى ھالدىكى ئارزۇ پەقەتلا بىر خىل ئاجىزلىق . ئەي گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى ، ئوقۇڭلار ، بىپايان جاھاننى چۈشىنىڭلار ، لېكىن ئۆزۈڭلارنڭ ئانا بولىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ! بۇرۇن بىر باتۇر يىگىت ئۆزىنڭ شىرمەتلىكى بىلەن بىر شەھەرنى قوغداپ قاپتۇ . ئۇ جەڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن پادىشاھ ئۇنىڭغا : " مۇنداق ئۈچ نەرسىدىن بىرنى تاللىساڭ ، تەڭرى ئۇنى ساڭا ئىنئام قىلغۇسى : ئۇلار ئەقىل ، گۈزەللىك ، شەرم - ھايالاردۇر " دەپتۇ . باتۇر يىگىت ئازراق ئويلانغاندىن كېيىن : " ماڭا ئايال كېرەك " دەپتۇ . پادىشاھ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ . يىگىت :" ماڭا سىلى ئېيتقان ئۈچ نەرسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ئايال كېرەك " دەپ سۆزىنى تولۇقلاپتۇ . پادىشاھ قايىل بوپتۇ . باتۇرلۇق ھەرگىزمۇ قارام كۈچ ئەمەس . بەلكى ئەقىل - پاراسەت بىلەن كۈچنىڭ بىرلىگى . ئەقىل ، گۈزەللىك ۋە شەرم - ھايانى ئۆزىگە جەم قىلغان ئايالنىڭ پۇشتىدىن يەنىلا باتۇر تۇغۇلىدۇ . ئۇ مەيلى قىز ياكى ئوغۇل تۈغسۇن ، بۇنداق ئانلاردىن قەيسەر ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ . بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇكەممەل ئاياللىق دۇنياسىغا كىممۇ سەل قارىيالىسۇن . ئاياللارنىڭ قۇدرىتى دەل ئەنە شۇ يەردە .
    分享到:
    بەت ئارىسى ئېلانى اھادىر نادىر يازمىلار دەرىسلىكلەر بىلوگى