
بىر سانتىمېتىرلىق مۇستەقىللىق ھوقۇقى.
بېرلىن تېمى ئۆرۈۋېتىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ،يەنى 1992-يىلى 2-ئايدا بېرلىن تېمىنىڭ مۇھاپىزەتچى قاراۋۇلى ئېنگىل سىگفىرىدسوتقا تارتىلدى.بېرلىن تېمى ئۆرىۋېتىلىشتىن ئىلگىرى،27ياشلىق قاراۋۇل تامدىن ئاتلاپ ئۆتۈش غەرىزىدە بولغان،20ياشلىق كېللىس گېفلوينى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ئىدى.ئىككى دۆلەت خەلقىنى ئايرىپ تۇرغان بۇ تامىنىڭ تېگىدە ،نەچچە ئون يىل مابەينىدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ شەرقى گېرمانىيىلىك 300قاچقۇن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
ئېنگىلنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى سوت جەريانىدا جىنايەت گۇماندارىنىڭ باشقىچە تاللىشى يوق، ئۇ پەقەت بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچى ،گۇناناھسىز دەپ ئاقلاش ئېلىپ باردى لېكىن سوتچى”ساقچىلىق سالاھىتى بىلەن يوقۇرىنىڭ بۇيرىقىنى ئىجراقىلماسلىق جىنايەت بولىدۇ، لېكىن دەل جايىغا تەككۈزەلمەسلىك جىنايەت ئەمەس ،پىسخىكىسى ساغلام ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ دەقىقىدە سېنىڭ مىلتىقنىڭ سىتولبىسىنى بىر سانتىمېتىر يوقۇرى كۆتۈرۈش ھوقۇقۇڭ بولىدۇ،بۇ سېنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستۈڭگەئېلىشقا تېگىشلىك ۋىجدانى بۇرچۇڭ، بۇ جاھاندا قانوندىن باشقا يەنە ئەخلاق -پە زىلەت مەۋجۇت .قانون بىلەن ئەخلاق ئۆز –ئارا توقۇنۇشقاندا ئەخلاق ئەڭ ئالى ھەركەت مىزانى بولۇپ ئەكسىنچە قانون ئەمەستۇر.ھاياتنى قەدىرلەش ھەممىلا ئىنسان بىلىدىغان پىرىنسىپ “ دە پ قارىغان.نەتىجىدە قاراۋۇل ئېنگىل ،كېللىس گېفلوينى قەستەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن دىگەن ئاساس بىلەن مۇددەتلىك 3يىل 6ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە جازاسى ئىجرا قىلىنىش مەزگىلىدە شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى جاكارلانغان.
بەت ئارىسى ئېلانى اھادىر نادىر يازمىلار دەرىسلىكلەر بىلوگى