
-
ئازابلـىق ئايرىــلىش مىنــۇتلىرى..
ۋاقىت:2009年03月18日 | تۈرى:
ھاۋا تۇتۇق، قەدەملىرىم شۇنداق ئېغىر، بىر خىل ۋەھىمە ئىچىدە ئالدىمغا قاراپ ماڭماقتىمەن......
كۈندىكىدەك ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قاراپ مېڭىۋاتىمەن. گەرچە ماڭغان يولۇم كۈندىكىگە ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما كەيپىياتىم ئوخشىمايتتى. قەدەملىرىممۇ شۇنداق ئېغىر..... خىيال لەگلەكلىرىمنىڭ قاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەيتتىم. تۇيۇقسىز چېلىنغان سىگنال ئاۋازى مېنى چۆچۈتتى، شۇ ئەسنادا خىيالىمدىن ئويغۇنۇپتىمەن. ئەتراپىمغا سەپسالدىم. جاندىن تويدۇڭمۇ...... ئۇ كىشىنىڭ يەنە نېمە دىگىنى ئېسىمدە يوق. بەكلا قورقۇپ كېتىپتىمەن. مەن تەغدىرىم ئالدىدا نېمە خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن بولغىيدىم. قورقۇنۇچ بىلەن تەڭ كۆزۈمدىن ياق يۈرۈگۈمدىن ياش سىرغىدى.....
گەرچە بىزنىڭ يۈرۈۋاتقىنىمىزغا قىسقىغىنە 2 ئاي بولغان بولسىمۇ، مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ 2 يىللىق ياق ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق چوڭقۇرلاپ كەتكىنىنى سەزمەپتىكەنمەن. مۇھەببەت ۋاقىت بىلەن ئۆلچەنسە ئىدى، مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم بۇنچە چوڭقۇر بولماس ئىدى.
قانداق بولۇپ ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنىمۇ ھەيرانمەن. ھازىر قۇلاق تۈۋىمدە پەقەت ئۇنىڭ ماڭا دىگەن ھەر بىر ئېغىز ئىشەنگۈسىز سۆزلىرىلا جاراڭلايدۇ....
ئۆتكەن كۈنلىرىمىنى گۈزەل چۈشتە ماڭا ئاتا قىلغان جاناننىڭ ئېغىزىدىن بۈگۈن «مەن سىزنى ياخشى كۆرەلمەيمەن» دىگەن سۆز چىقىۋاتاتتى.... مۇشۇ تاپتا يۈرۈگۈم ئەلەمدىن تىترەۋاتىدۇ...... كۆز ياشلىرىم بولسا قەلىپ دەريارىمنى قاياقلارغا باشلىماقتا....
مەن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي ئۇنىڭغا بۇ سىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىڭىز ئەمەس، تېخى تۈنۈگۈنلا كەلگۈسى توغرىسىدا............ ئۆيگە قاچانلاردا يتىپ كەلگىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. قەلبىمدە تۈگىمەس ، يىشىلمەس خىيال، نۇرغۇنلىغان جاۋاپسىز نېمە ئۈچۈنلەر تىۋىشسىز ھۆكۈم سۈرمەكتە....
كىرپىگىم ئازاپ شەبنىمىدە نەمدەلدى. يۈرۈگۈمدىكى مۇھەببەت گۈلۈم پەرۋىشسىز قالدى. دېرىزەمدىن ئايغا قاراپ خىيال سۈرمەكتىمەن....... مىسكىن ئاي خۇددى مەندىن بىر نېمىلەرنى سورىماقچى بولغاندا مارىلىماقتا......
دېرىزەم ئالدىدا تۇرار مىسكىن ئاي،
دەيدۇ دەردىڭنى سېنىڭدىن سوراي.
مەن دېدىم كۆڭلۈم يېرىم ساڭ داتلىناي،
ئەقىدەم خارلاندى مەن قانداق قىلاي.
ئۇنىڭسىز بۇ كۈنلەر تەس كەلدى ھەجەپ،
قەلبمنى چىرمىدى چىگىش خىياللار.
قورقتۇڭمۇ يادىڭغا ئېلىشتىن مېنى،
بولامسەن راستىنلا ۋاپاسىز نىگار.
ئاي دەيدۇ بولدى قىل يىغلىما ئەمدى،
مۇڭلانغان كۆزۈڭدىن ئاقمىسۇن شەبنەم.
ھاياتقا ئۈمۈدۋار باققىن قايتىدىن،
چۈش بولۇپ ئۇنتۇلسۇن كەچمىشلىرىڭ ھەم.
ئاي دەيدۇ بولدى قىل يىغلىما ئەمدى،
بار تېخى كۈلۈشكە ساڭا كۆپ پۇرسەت.
ھاياتنىڭ قوينى كەڭ پۇرسىتى تولا،
يوقالسۇن قەلبىڭدىن مۇدھىش جاراھەت.
يۈرۈگۈم توختاپ قالغاندەك ئىدى. سۆيگۈ گۈلۈم سولدى. مەندە نە ئامال بولسۇن.... ئاشىقسىز مەشۇق بولۇپ قېلىش راستىنلا بەك ئازاپلىق ئىكەن...
دىل بېرىپ ئەقىلسىز بىۋاپا يارغا،
ئالغىنىم بولدىغۇ گۈلسىز زەر تىكەن.
ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەتلەر ئىچىدە قالدىم،
نە ئامال دىل خانەم بولغاندا ۋەيران.
كۈنلىرىم مۇشۇنداق مىسكىنلىك ئىلكىدە ئۆتەرمۇ.......؟
يىگانە يۈرىيمەن خىلۋەت يوللاردا،
ناتىۋان قولۇمدا سەرسان ياپراقلار.
تەلمۈرۈپ ئۇپۇققا ئىنتىزار كۆزۈم،
باغرىمنى مۇزلاتتى غېرىپ شىۋاقلار.
مەن پەرۋىشسىز قالغان سۆيگۈ گۈلمنى، ساڭا بولغان مۇھەببىتىم بىلەن بىرگە قەلبىم تۆرىگە قەبرە ياساپ كۆمۈۋېتىشنى لايىق تاپتىم.
ساڭا بولغان ئوتۇلۇق مۇھەببىتىمنى يوشۇرۇپ، ساڭا مەڭگۈلۈك بەخىت تىلەيمەن مەڭگۈ............!
评论