
-
بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىڭ
ۋاقىت:2009年04月28日 | تۈرى:تىبابەت ۋە ساغلاملىق
بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىڭ
1. ھەر كۈنى 30 مىنۇت پىيادە يول يۈرۈڭ.
2. ھەر كۈنى 7 سائەت ئۇخلاشقا، ئۇيقۇنىڭ سۈپەتلىك،تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.
3. ھەر كۈنى ئاز بولغاندىمۇ 4 - 5 ئىستاكان (2000 مىللىلىتىر) قايناقسۇ ئىچىڭ.
4. زىيادە تويۇنۇپ غىزالىنىشتىن ساقلىنىڭ. يەنى، تاماق يىگەندە %70 ئەتراپىدا تويۇنۇشقا ئادەتلىنىڭ.
5. روھىي كەيپىياتىڭىزنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ،تۇرمۇشنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈڭ،كىچىك ئىشلارغا چىچىلماڭ،مۇزىكا ئاڭلاش،گۈل پەرۋىش قىلىش،قۇش بىقىش،سەيلە قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ئۈگىنىۋىلىڭ.
6. نورمال بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ،يەنى بوي ئىگىزلىكىڭىزدىن 105 نى چىقىرۋەتكەندىن كىيىنكى سانلىق مىقدار سىزنىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك بەدەن ئىغىرلىقىڭىز بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
7. ئەگەر سىز كۈن بويى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلسىڭىز،ھەر بىر سائەتتە بىر قىتىم ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ئىختىيارىي ھەرىكەت قىلىڭ.
8. ئۈچ ۋاقلىق تاماقنىڭ قانۇنىيەتلىك،كۆپ خىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ.ئادەتتە ناشتىلىقنى ئوبدان،چۈشلۈك تاماقنى نورمال،كەچلىك تاماقنى ئازراق يەڭ، ھايۋانات مايلىرىنى ئازراق،ئۆسۈملۈك مايلىرىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىڭ،ھۆل-قۇرۇق مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ تۇرۇڭ.
9. ھاراق،تاماكىدىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ.بولۇپمۇ ھاراق بىلەن تاماكىنى تەڭ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ.ئەگەر سىز تاماكىنى كۆپ چەكسىڭىز قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ تۇرۇڭ.
مەنبە: زەمزەم تورى .