• كومپىيوتىر ئىشلىتىش جەريانىدىكى ئەمىلى تەجربىلىرىم

    ۋاقىت:2009年04月16日 | تۈرى:كومپىيوتىر ئاساسى بىلىملىرى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار . كەمىنە باھادىردىن ھەرقايسىڭلارغا سالام .كومپىيوتېر كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا .بىز ئايرىلالمايدىغان بىر قۇرالغا ئايلاندى،شۇنىڭ بىرگە بۇ ئوقەتتە كۈرلىدىغان مەسىلە خىلمۇ-خل. رەڭگا-رەڭ .ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگىدەك ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ بىزنىڭ خزمەت .مەشغۇلات قىلىشىمىزغا نۇرغۇن توسالغۇلارنى ئېپ كىلىدۇ .مەن توۋەندە ئوزەمنىڭ ئالدىدىن ئوتكەن .مەسىللەرنى ھەل قىلىش .ۋە توغرا دىئاگنوز قۇيۇش ئۇسۇللىرىنى بىر قۇر سوزلەپ ئوتەي . مەقسەت ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشقا يۇلۇققان تورداشلارغا .ۋە ھەر بىر كومپىيوتىېر ئىشلەتكۈچىلەرگە ئازراق بولسىمۇ پايدىس بولار دىگەن ئۈمىتتە .
    1 .كوك ئىكران بۇلۇشنىڭ سەۋەپلىرى : مەن بۇنى مۇنداق ھەل قىلدىم .كومپىيوتىرنى تەكشۈرسەم .قاتتىق دېتال سەپلىمىسى يىتەرلىك .سېستىما نورمال قاچىلانغان ۋېرۇس يوق .ياماقلار تۇلۇق يامالغان .لېكىن نىمە ئۈچۈن كوك ئىكران بۇلىۋالىدۇ ؟بۇ ئىش كاللامنى تۇلا گاڭگىرتىپ
    باش قاتۇردى .ئاخرى بۇ مەسىلنى تېپىپ چىقتىم .مەسىلە : قاتتىق دىسكا رايۇنغا بۈلۈنگەندە
    FAT32

    شەكىلدە رايۇنغا بۈلۈنگەن .شۇنىڭ بىلەن سىستىما قاچىلاش جەريانىدا سىستىما قاتتىق دىسكىغا مۇكەممەل يېزىلماسلىق .سەۋەپلىك ئۇقۇش يېزىش مەغلۇپ بۇلۇپ خاتالىق چىققان .شۇنىڭ بىلەن كومپىيوتىر بىزگە گەپ قىلالمىغاندىكىن ،كوك ئىكران خاتالىق ئۇچۇىنى چىقىرىپ بەرگەن .بۇ مەسىلنى مەن مۇنداق ھەل قىلدىم قاتتىق دىسكىدىكى ھەممە رايۇننى
    NTFS

    شەكىلدە رايۇنغا بۈلۈپ سسىتىمىنى قايتا قاچىلىدىم .شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلە ھەل بولدى .يەنە بىر سەۋەپ .قاچىلانغان دېتاللار مۇكەممەل بولماسلىق .،قىسقارتىۋەتكەن .ھەم يېشىللاشتۇرغان دېتللارنى ئىشلەتكەنلىك سەۋەپلىك شۇنداق خاتالىق چىقىشى تۇغانلا گەپ .

    2.كومپىيوتىر شۇنداق ياخشى ،قاتتىق دىسكا بولسۇن ،ئىچكى ساقلىغۇچ بولسۇن .مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بولسۇن .يىتەرلىك ئىقتىدارغا ئىگە.لېكىن كومپىيوتىر قوزغىلىپ نەچچە مىنۇتتىن كىن ئۈچۈپ قالىدۇ .ياكى نورمال قوزغالمايدۇ .
    بۇنىڭغا قۇيۇلغان دىئاگنوز .مەن تۇلا تەكشۈرۈپ مەسىلنى ھەل قىلالماي .نۇرغۇن قاتتىق دېتاللارنى ئالماشتۇرۇپ ھېرىپ قالدىم .مەسىلەن كومپىيوتىر كۈندۈزدە نورمال ماڭىدۇ .كەچلىكى نورمال ئەمەس .ياكى بەزىدە نورمال ھەتتا ھەتتا نەچچە كۈن نورمال .تۇرۇپلا ئۈچۈش قايتا قوزغىلىپ كىتىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن .مەن تەكشۈرۈپ چىقىپ ئاخرى بۇنىڭ سەۋەبى بىر-بىردىن توك مەمبەنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىغا ھۈكۈم قىلىپ .توك مەمبەنىڭ يۇقۇرى بېسىملىق توك مەمبەگە ئالماشتۇردۇم .شۇنىڭ بىلەم كومپىيوتىردا ھېچقانداق ئالامەت كۈرۈلمىدى .قوزغلىشى تىېز .ئېچىلىش تاقىلىش شۇنداق نورمال .
    ھىس قىلدىمكى .ھەر بىر كومپىيوتىېر ئىشلەتكۈچى .بۇ مەسىلنى چۇقۇم مۇھىم دەپ بىلىشى كىرەكلىكىنى ھىس قىلدىم .چۈنكى توك نورمال بولمىسا كومپىيوتېردا ھەر خىل مەسىللەر كۈرۈنىدىكەن .
    3.بەزى دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتىش جەريانىدا خاتالىق ئۇچرى چىقىۋېلىپ ئىشلەتكىلى بولماسلىق .
    بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى :بىز قاچىلىغان دېتاللارنىڭ نەشىرىنىڭ تۇلۇق بولماسلىقى .سەۋەپلىك كۈرۈلگەن مەسىلە .بىز ئامال بار سىغىمى كىچىك دېتاللارغا
    ئېسىلۋالماسلىقىمىز كىرەك .تىزلىكىگە كەلسەك .دېتال سىغىمى چوڭ بولغان بىلەن .تۇلۇق بۇسقىدىكى سىغىمى چوڭ دېتاللارنى ئىشلەتسەك .يېشىل دېتاللاردىن .ھەم سىغىمى كىچىك بولغانلاردىن سۈرئىتى تېز بۇلىدۇ .

    4.كومپىيوتىرغا .قارغۇلارچە نىمە ئۇچۇرسا شۇنى قاچىلاپ بېقىش .بۇ تازا ياخشى ئۇسۇل ئەمەس .چۈنكى بىز بىرەر دېتالنى قاچىلاپ سىناپ بېقىش جەريانىدا .سىناپ بۇلۇپ ئۈچۈرۋەتتۇق دىگەن بىلەن ئۇ دېتالنىڭ نۇرغۇن ھوججەتلىرى .ۋېندوۋېس سېيېستېم 32 ئاستىدا .قېپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھە قېتىم كومپىيوتىېر قوزغالغان ياكى ئوچكەن ۋاقىتتا ئاشۇ ھوججەتنى ئىزدەپ كومپىيوتېردا نورمالسىزلىق كۈرلىدۇ .سىناپ بېقىش ياخشى ئىش لېكىن ئۈچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلغاندا .چۇقۇم پاكىزە ئۈچۈرشنى بىلىش بىلىش كىرەك .

    ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي .مۇشۇنداق مەسىلىنىڭ سەۋەپلىرى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى دۋاملىق يوللىنىدۇ





    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • ئوبدان ئۇچۇرلاركەن ، رەھمەت !
  • uipoy