• بىر غەمكىم كىشى دانىشمەندىن سوراپتۇ

    ۋاقىت:2015/02/15 | تۈرى:


    بىر غەمكىن ئادەم بىر دانىشمەندىن سوراپتۇ: ئى دانشىمەن، مىنى غەم بېسىۋالدى، قانداق قىلسام مۇشۇ غەمدىن قۇتۇلارمەن دەپ سىزگە كەلدىم. دانىشمەن: سىزدىن ئىككى سۇئال سۇرايمەن، جاۋاب بىرىڭ ! غەمكىن ئادەم: قېنى سۇراڭ ! دانىشمەن : سىز بۇ دۇنياغا كەلگەن ۋاقتىڭىزدا ئاشۇ غەم-قايغۇلارنى بىللە ئېلىپ كەلگەنمۇ؟ . غەمكىن ئادەم: ياق! دانىشمەن: سىز بۇ دۇنيادىن كىتىدىغان ۋاقتىڭىزدا ئاشۇ غەم-قايغۇلارنى بىللە بىر غەمكىن ئېلىپ كىتەمسىز؟. غەمكىن ئادەم: ياق ! دانىشمەن ئاخىرىدا مۇنداق دەپتۇ: سىز بىللە ئېلىپ كەلمىگەن ۋە بىللە ئېلىپ كىتەلمەيدىغان بىر ئىش ئىكەن.... ئەڭ ياخشىسى سىز بۇنچىلىك قايغۇرۇپ كەتمەڭ.دۇنيا ئىشلىرىدا سەبىرلىك بولۇڭ، سىزنىڭ يەرگە قارىغان ۋاقىتىڭىزدىن ئاسمانغا قارىغان ۋاقتىڭىز ئۇزۇنراق بولسۇن، شۇنداق بولغاندا بەختلىك بولالايسىز، تەبەسسۈم قىلىڭ، رىزقىڭىز تەقسىم قىلىنىپ بولغان، تەقدىرىڭىز بەلگىلىنىپ بولغان، دۇنيا ئىشلىرى قايغۇرۇشقا لايىق ئەمەس، چۈنكى پۈتۈن دۇنيا ئەھۋالى ھەر ۋاقىت تىرىك ۋە ھەممىنى ئۇرۇنلاشتۇرغۇچىنىڭ ئىلكىدە .
    分享到:
    بەت ئارىسى ئېلانى اھادىر نادىر يازمىلار دەرىسلىكلەر بىلوگى