• بىر قەشقەرلىك تاۋۇز سېتىپتۇ

    ۋاقىت:2015/02/24 | تۈرى:دۇنيادىكى ئاجايىپ ئىشلار


    بىر قەشقەرلىك تاۋۇز سىتىپتۇ، ‏-ئاكا ، تاۋۇزلىرى تاتلىقمىدۇ تاۋۇزچى : ‏-تاتلىق ئەمەس دېسەم سەن ئالمايسەن ، تاتلىق دەي دېسەم مەن ئۆزۈم يەپ باقمىغاندىكىن قالايمىقان گەپ قىلسام بولمايدۇ ،-دەپتۇ، ئاندىن تاماكىسىنى ئېغىر بىرنى شورىۋىتىپ : ‏-مەن ساڭا دېسەم ھايات خۇددى بىر تاۋۇز ئېلىشقا ئوخشايدۇ ، ئاچچىق ياكى تاتلىقلىقىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈنلا بۇ ھايات بىز ئۈچۈن شۇنداق رەڭگارەڭ ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھاياتتا ھەر ئىشتا قاپ يۈرەكلىك بىلەن تەۋەككۈل قىلىپ تۇرىشىمىز كېرەك ، ئەگەر تاتلىق چىقسا ئۆزۈڭنى بەختلىك ھېس قىلىسەن ، ئىشەنچىڭ ئۇرغۇيدۇ ، ئەگەر ئاچچىق چىقىپ قالسا ، مەيلى ، بۇ سېنىڭ باتۇرلىقىڭنى ئىسپاتلايدۇ ، ئەگەر بۇ تاۋۇزنى تاتلىق چىقماسلىقىدىن قورقۇپ ئالماي قالساڭ سېنىڭ ۋاز كەچكىنىڭ پەقەتلا بىر تاۋۇز ئەمەس ، بەلكى ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭ ..... ‏-جېنىم ئاكا ! بۇ تاۋۇزلىرىڭنىڭ ھەممىنى ئالاي ، قانچە پۇل؟ ..... [Grin]
    [Sly]
    分享到:
    بەت ئارىسى ئېلانى اھادىر نادىر يازمىلار دەرىسلىكلەر بىلوگى