دانالار ھېكىمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
دانالار ھېكىمەتلىرىدىن ئۈزۈندىلەر تەكەببۇرلۇق ، ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىش ۋە ئالدىراقسانلىق كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ چوڭ خادا تاشتۇر .----- بالزاك دانا ئادەم ئۆز دۈشمىنىدىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنۋالىدۇ . ------ ئارسىتوفان كىم قانچىلىك نادان بولسا ، خۇلاسە چىقىرىشقا شۇنچە ئالدىرايدۇ . ------ ئە ، كۈندىلىياك ئادەم ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى بىلگەندىلا ، ئاندىن قابىل ھەم كۈچلۈك بولىدۇ . -------- گوركىي بىلگىنىڭنى ھە دەپ سۆزلەۋەرمە ، ئەمما سۆزلەۋاتقىنىڭنى بولسا ھەر ۋاقىت بىل . ------- م ، گ ، ئۇدىئوستەجىرىبە گوياكى بىر ئالىي مەكتەپكە ئوخشايدۇ ، ئۇ سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئەخمەق ئىكەنلىكىڭىزنى تونۇتىدۇ .----- كوسمو ساردو ھەقىقەت تەنقىدنى ياخشى كۆرۈدۇ ، چۈنكى ، ھەقىقەت تەنقىدا ئارقىلىقلا غەلبە قىلالايدۇ . سەپسەتە تەنقىدتىن قورقىدۇ ، چۈنكى سەپسەتە تەنقىد ئارقىلىق مەغلۇپ بولىدۇ . --------- دىدروت خالايىقنىڭ ئېغىزنى يېپىشتىن دېڭىزغا كۆۋرۈك سېلىش ئاسانراق ، قۇتۇلۇش قىيىن بولغان ئادەمگە نەپرىتىڭنى بىلدۈرمە .بىلىمسىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئادەمنىڭ 100 كوزا تىللاسى بولسىمۇ گادايدۇر .-------- خۇسراۋ دېھلەۋىكىمكى دېڭىز دولقۇنلىرىدىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ سەپەر قىلمىسا ، تۈرلۈك-تۈمەن تەشۋىش- مۇشاقەتلەرنىڭ سۈينى ئىچمىسە ، ئۇ ھەقىقى راھەت-پاراغەتكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ .--- زەمەشەھىرى ئىككى نەرسە باركى ، كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ ، بىرى ساغلامىلىق ، يەنە بىرى ، بوش ۋاقىت .----- تىرمىزى بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ، كۆز ، ئېغىز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىلى -------- لوقمان ھېكىم ئۆزگىنى بىلگەنلەر زېرەك ، ئۆزىنى بىلگەنلەر دانادۇر -------- لاۋزى ئىككى خىل ئادەم ياراملىق بولالمايدۇ :بىر خىلى ، باشقىلار ئىش قىلىشقا بۇيرىمىسا ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلمايدىغان ئادەم.ئىككىنچى خىلى ، باشقىلار ئش قىلشقا بۇيرىغان تەغدىردىمۇ ئشىنى يەنىلا ئوبدان قىلالمايدىغان ئادەم .----- دالى كارنىگ ھەرقانداق مۇشكۈل سۇئالىڭ بولسا دانالاردىن سورا، ئەمما نادان ئادەملەر بىلەن مۇنازىرلىشىپ زېھنىڭنى ئۇپراتما .------ نۆبىتىسەن ئۆزۈڭ بىلەن كۈلگەن ئادەمنى ئۇنتۇپ كېتىشىڭ مۇمكىن ، ئەمما ئۆزۈڭ بىلەن بىللە يىغلىغان ئادەمنى ئەبەدىي ئۇنتىمايسەن .------- جېبرانئەقىللىق ئادەملەر كۆپنى بىلىدىغان ئادەملەر بولماستىن ، بەلكى ئۆزىگە لازىملىق نەرىسلەرنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ئادەملەردۇر .------ لىنكولىن كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما ، بىلگىنكى ئوق يارىسى ساقىيىدۇ ، تىل يارىسى ھەرگىز ساقايمايدۇ ،------- ئەخمەت يۈكنەكى 0条评论
بەت ئارىسى ئېلانى اھادىر نادىر يازمىلار دەرىسلىكلەر بىلوگى