بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن ھامىلدار بولغان بولمىغانلىقىنى بىلىش
-
جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن ھامىلدار بولغان بولمىغانلىقىنى بىلىش
ۋاقتى: 2016-08-05 ئاۋاتلىقى: 6962 قېتىميانفوندا كۆرۈش
جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن ھامىلدار بولغان بولمىغانلىقىنى بىلىش
1. ئەگەر ئادەت يەنە بۇرۇنقىدەك نورمال كەلسە، ئۇ ئېنىقلا ھامىلدار بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، ھامىلدار بولغاندىن كېيىنمۇ ئاز مىقداردا جىنسى يولدىن قان ئېقىپ چىقىش كۆرىلىدۇ، ئەمما سىرىتقى كۆرۈنۈشتىن ئۇڭايلا پەرىق ئەتكىلى بولىدۇ، بۇ خىل قان ئادەت بىلەن ئوخشىمايدۇ.
2. ئەگەر ھىچقانداق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرى قوللانمىغان ئاساستا جىنسى مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئادەت دەۋرىيلىك ۋاختى ئۆتۈپ كەتكەندە، تىزدىن سېزىكلىك رىئاكسىيىسى تەكشۈرۈش قەغىزى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ‹ ياكى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك› ئادەت ۋاختى ئۆتۈپ كەتكەن كۈندىن بىلگەندە، سېزىكلىك رىئاكسىيەسى تەكشۈرۈش قەغىزى ئارقىلىق بويىدا قالغان قالمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ ؛ چۈنكى ھامىلدار بولغاندىن كېيىن، سۈيدۈك سۇيۇقلۇقىدىكى hcgقىممىتى يۇقىرى پەللىگە چىققان بولىدۇ ؛ بۇنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئەڭ ياخشىسى ئەتتىگەنلىك سۈيدۈكنى تەكشۈرۈش كېرەك.
3. ئادەت دەۋرىيلىكى ئىنتايىن تۇراقلىق ئاياللارغا نىسبەتەن، بەزى ۋاقىتلاردا ئادەت 7 كۈن ئالدى كەينى كېلىش نورمال ئەھۋال، چۈنكى ئاياللارنىڭ ئادىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مەسىلەن، ھاۋا كېلىماتى، ئۇزۇقلىنىش، كەيپىيات، سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلار، بۇ خىل ئادەت ۋاختىنىڭ كىچىكىپ كېلىشى ئادەتتە 14 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
4. ئەگەر ئادەت 14 كۈندىن ئېشىپ كەتسىمۇ كەلمىگەن بولسا، تەكشۈرۈش قەغىزىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.
5، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قاتارلىق ھامىلدارلىقنىڭ ئالامەتلىرى ئادەتتە 5-6 ھەپتىللىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ ؛ شۇڭا بۇ مەزگىللەردە ئاياللار ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ھامىلدار بولغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ياخشى كۈتۈنۈش، ئۇزۇقلىنىشقا ئېتىبار بېرىش كېرەك.
مەنبە: تور دۇنياسىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قىزلارغا 100 نەسىھەت--ئاۋازلىق 7-سان
2016-03-19 20:26:196128نېمە ئۈچۈن جىنسىي يول ياللۇغى بولسا تاشقى جىنسىي
2015-12-11 20:54:032087سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئايالنى ھەرگىز ئالدىماڭ!
2015-12-18 19:48:452625ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﯞﻩ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﺗﯘ
2015-12-22 12:09:005372سىرتقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى دېگەن نېمە؟
2015-11-01 01:14:495639زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [پوۋىست] (6)
2014-11-16 14:19:062544گىرىم بىلەن بۇرۇننى قاڭشارلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ
2016-01-20 14:26:332027تۇخۇمدان ياللۇغى قانداق كېسەللىك؟
2015-10-27 14:57:262277
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-