بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
يىگىتلەر جورا تاللىغاندا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلار
-
يىگىتلەر جورا تاللىغاندا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلار
ۋاقتى: 2016-10-16 ئاۋاتلىقى: 1891 قېتىميانفوندا كۆرۈش
يىگىتلەر جورا تاللىغاندا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلار
رېئال تۇرمۇشتا كىشلەر ھازىرقى قىزلارنىڭ ھەممىسى پۇل، ئاپتوموبىل، ئۆينى ياخشى كۆرىدۇ، توي قىلماقچى بولسىڭىز بۇ نەرسىلەر كەم بولسا بولمايدۇ، يىگىتلەرمۇ شۇلار ئۈچۈن توختىماي تىرىشىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە يىگىتلەرنىڭمۇ قىزلارغا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلىدىغان تەرەپلىرى بار.
1. قىزنىڭ ئۆتمۈشى
يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدىكى قىزلارنىڭ ئۆتمۈشى ئۇلارنىڭ ئىلگىرى نەچچە يىگىت بىلەن ئارىلاشقىنى بولماستىن، بەلكى قىزنىڭ پاكلىقىدۇر. يىگىتلەر توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ پاك بولۇشىغا ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
2. قىزلارنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشتىكى مەقسىتى
مۇھەببەتلىشىشتە مەلۇم مەقسەت بولىدۇ، دېيىلسىمۇ يىگىتلەر قىزلارنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشتىكى مەقسىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، بولۇپمۇ بىر قىسىم تويدىن ئىلگىرى ئاپتوموبىل، ئۆي قاتارلىقلار تولۇق ئەرلەر، ئۇلاردا بىرخىل ئەۋزەللىك تۇيغۇسى بولىدۇ، مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا قىزنىڭ مال-دۇنياسى ۋە شەرت-شارائىتى تولۇق بولغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشىنى بەكرەك ئۈمىد قىلىدۇ.
3. قىزلارنىڭ ئائىلە شارائىتى
يىگىتلەر لايىقىنىڭ ئائىلە شارائىتىنىڭ ياخشى بولۇشىنى، بولۇپمۇ بولغۇسى قىيىنئانا-قېيىنئاتىسىنىڭ نوپۇزلۇق ياكى كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇلار ئازراق جاپا چېكىدۇ. قىزنىڭ ئائىلە شارائىتى يىگىتلەرنىڭ توي قىلماقچى بولغان قىزدىن كۈتىدىغان ئەڭ يوشۇرۇن تەلەپ.
4. قىزلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى، تەقى-تۇرقى
يىگىتلەر بەك چىرايلىق ھەم بەك قېنىق گىرىم قىلىدىغان قىزلار بىلەن توي قىلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تۆۋەن بولغاچقا، چىرايلىق قىزلار كۆپ خىل ئېزىقتۇرۇشلارغا ئۇچرايدۇ دەپ قارايدۇ. يىگىتلەر بويى ئىگىز، تەقى-تۇرقى ئادەتتىكىچە قىزلار بىلەن توي قىلىشنى بەكرەك خالايدۇ.
5. قىزنىڭ كەلگۈسى قېيىنئانا-قېيىنئاتىسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى
ھازىرقى يىگىتلەر كەلگۈسى خوتۇنىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە بەكرەك دېققەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن قىزلار تويدىن كېيىن قېينانا-كېلىن مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ، شۇڭا قىز بولغۇچى ئېرىنىڭ ئۆزىنى بەكرەك ياخشى كۆرۈشىنى خالىسا، ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
6. قىزلارنىڭ خىزمىتىنىڭ خاراكتېرى
يىگىتلەرنىڭ ئەرلىك خاھىشى ئېغىر، شۇڭا ئۇلار كەلگۈسى خوتۇنىنىڭ ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇندا ئىشلىشىنى خالىمايدۇ: يىگىتلەر يۈز-ئابرويغا بەكرەك ئېتىبار بېرىدۇ، شۇڭا كۆپلىگەن ئەرلەر كاتىپ قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدىغان قىزلار بىلەن توي قىلىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى كاتىپلار ھەم قاچان خوجايىننىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماي، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يىگىتلەر كېچىلىك بەزمىخانىلاردا ئىشلەيدىغان قىزلار بىلەن توي قىلىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار «قازانغا يېقىن تۇرغانلارغا قارا يۇقماي قالمايدۇ» دەپ ئويلايدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئوغۇللار قىز دوستلىرىنىڭ قايسى ئىشلىرىنى ئەڭ ياق
2016-01-04 17:23:012477كىيمەيدىغان كىيىملىرىڭىزنى گىلەمگە ئايلاندۇرۇشنى
2015-10-28 22:46:493088ئاياللار جىنسىي يولىنىڭ ئورنى ۋە ئىقتىدارى
2015-12-06 13:59:144610ماتكىنىڭ نېمە ئىقتىدارى بار؟ ئۇ قانداق شەكىللەنگ
2015-10-04 23:28:393279ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئ
2015-08-10 00:16:532673ئېرىڭىز ئەتراپىدىكى ئايال
2015-12-21 17:05:562161خانزادىلەر گۆھىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئۇنىڭ داۋالاش باس
2015-10-07 12:25:244066ياخشى قېينئانا -لاياقەتلىك كېلىن مۇناسىۋىتى تۇغر
2016-01-16 14:36:462532
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-