بۇ بىر ئاياللار پىنھان تىۋىشلار ئارامگاھى!
«پىنھان تىۋىشلار» ئاياللارنىڭ سىردىشى بولسا؛ «ئاياللار گۈلزارى» ئاياللار لاتاپىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى؛ «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» سىزنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرسا؛ «ئاياللار ساقلىقى» ئائىلىڭىزنىڭ بەختىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ!
ئاياللارغا باب كېلىدىغان ئىقتىساد باشقۇرۇش ئۇسۇلى
-
ئاياللارغا باب كېلىدىغان ئىقتىساد باشقۇرۇش ئۇسۇلى
ۋاقتى: 2016-10-29 ئاۋاتلىقى: 2009 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللارغا باب كېلىدىغان ئىقتىساد باشقۇرۇش ئۇسۇلى
ئاياللار ئىقتىساد باشقۇرۇشتا نىشاننى ئېنىق بەلگىلىۋېلىشى كېرەك. ھازىرقى زامان ئاياللىرى ھەر قايسى باسقۇچلاردا قانداق نىشانغا يېتىدىغانلىقىنى، مەسىلەن: قانداق چاغدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، ئۆينى يېڭىلايدىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا قانچىلىك پۇل تەييارلايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى لازىم. نىشان ئېنىق بولغاندىلا، نىشانغا يېتىدىغان قەدەم – باسقۇچلارنى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شەھەرلىك ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ خاراكتېرى، خىزمەت ئەھۋالى ھەم يېشى قاتارلىقلارغا قاراپ ئىشەنچلىك ئىقتىساد باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىغا مۇۋاپىق نىسبەتتە مەبلەغ سېلىشى، شۇنداقلا بۇ نىسبەتنى ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.مۇقىم سېلىنمىلىق قەرەللىك فوند بىلەن « ئاياللار ساغلاملىق سۇغۇرتىسى» ئاياللارغا ماس كېلىدۇ.
مۇقىم سېلىنمىلىق قەرەللىك فوندقا مەبلەغ سالغاندا، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ داۋالغۇشىدىن پەيدا بولىدىغان چوڭراق خەتەرلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇ پۇل خەجلىگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغانلارنى «قەرەللىك ئامانەت قويۇش» قا مەجبۇرلىيالايدۇ. شۇڭا بۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ئىقتىساد باشقۇرۇشتىكى ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتنىشىشمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن ياخشى چارە.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا بەش ياشتىن سەككىز ياشقىچە ئۇزاق بولىدىكەن. شۇڭا ئاياللار ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە داۋالىنىشتا دۇچ كېلىدىغان خەتەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.ھېساباتنى خاتىرىلەشكە ئادەتلىنىش كېرەك.
«پۇل مۇئامىلە ساھەسى» تور بېكىتىنىڭ بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ‹‹ئىستېمالدا ئالدىغا كېتىش، خەجلىگىنى تاپقىنىدىن كۆپ بولۇش›› نۇرغۇن ئايالنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئىكەن. ھېساباتنى خاتىرىلەش ئادىتى ئاياللارنىڭ ‹‹ئىستېمال قىزغىنلىقى››نى پەسەيتەلەيدىكەن. ئەقىللىق ئاياللار ھېسابات دەپتىرىگە قاراپلا، قايسى پۇلنى ئورۇنلۇق خەجلىگىنىنى، قايسى پۇلنى كاللىسى قىزىپ قالغاندا بۇزۇپ – چېچىۋەتكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدىكەن – دە، شۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان بولىدىكەن.
مەنبە: تاۋارلار سالونى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بەدەن يۇيۇش سۇپۇنى ۋە بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ پ
2015-11-27 23:27:582896مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
2016-10-23 15:49:392455قانداق ئەرلەر ئاياللارغا ئەڭ بەك كۆيۈنىدۇ؟
2015-12-06 23:29:241890كارىۋاتقا چىقىپ ئاخىرى چىقمىسا ياشلىق، ئاخىرى چى
2016-02-09 18:29:138044نېمە ئۈچۈن خانزادىلەر گۆھىرىنى ئىشلىتىمىز؟
2015-10-07 12:46:113235ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن سەمىرىپ
2016-01-29 18:09:274828دۇنيانىڭ بىرىنچى گۈزىلىمۇ قېيىنئانا خاپىلىقىنى ت
2016-02-05 18:51:563738ئۈچ قىزىنى ئەرگە بەرگەن بىچارە دادىنىڭ ئاجايىپ ھ
2016-01-23 14:30:2810129
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-