بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەۋسىيلىك تائاملار
كوپ كۇرۇلگەن تائاملار
خام ماتىريالى: يەرلىك توخو1دانە ،ئالقات 8دانە.
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز ،ئاقمۇچ ، زەنجىۋىل ،ئالقات
تەييارلاش ئۇسۇلى :توخۇنى بوغۇزلاپ ئادالاپ پاكىز يۇيۇپ ياڭاق چوڭلىقىدا قىلىپ پارچىلايمىز .زەنجىۋىل بەشمەرەك بارماقچىلىك چوڭ چوڭ قىلىپ توغرايمىز. ماتىرىياللار نى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن قازانغا سۇ قۇيۇپ توخو گۆشىنى سالىمىز . ئاندىن توغراپ قويغان زەنجىۋىل سېلىپ نورمال ئوتتا توخو پىشقۇچە قاينىتىمىز. (يۇقىرى بېسېملىق قازاندا پۇشۇرساق 20 مىنۇتتىن 25 مىنۇتقىچە پىشۇرساق بۇلىدۇ ) توخو پىشقاندا تۇز ئاقمۇچ سېلىپ تەمىنى ياخشى تېتىپ . قاچىغا ئۇسۇپ .ئاندىن ئازراق غولپىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئالقاتنى سېلىپ ئېستىمال قىلساق بولىدۇ .
ئالاھىدىلىكى :توخو گوشى تەبىئىتى موتىدىل ،شورپا قىلىپ ئىچكەن دە ئوزۇقلۇق قىمىتى يوقىرى بۇلۇپ بەدەنگە ياخشى قۇۋۋەت بۇلىدۇ.توخۇ شورپىسى زۇكامنى داۋالايدۇ ،ئوپكىنى تازلايدۇ .توخو شورپىسى ئىچسە بولمايدىغان كىشىلەر
قاندىكى ياغ تەركىبى يۇقىرىلار :
بۇنداق كىشىلەر توخۇ شورپىسى كۆپ ئىچسە ، قاندىكى ياغ تەركىبى تېخىمۇ ئېشىپ ، قان تومۇر پەردىسىدە نوكچا ھاسىل قىلىپ ، قان قېتىشىشنى پەيدا قىلىدۇ .
قان بېسىمى يۇقىرىلار :
توخۇ شورپىسىنى داۋاملىق كۆپ ئىچكەندە ئارتېرىيە قېتىشىشتىن باشقا ، يەنە قان بېسىمىنى داۋاملىق ئۆرلىتىۋېتىدۇ .
بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلار :
توخۇ شورپىسى يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك ، ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ، يۇقىرى ئازوتلۇق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ .
ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر :
توخۇ شورپىسى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئاشقازان يارىسى ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلەر ياكى پات – پات ئاشقازىنى قاناش تارىخى بارلار توخۇ شورپىسىنى كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك .
يېڭى يوللانغان تائاملار
پەمىدۇر تۇخۇملۇق قارا قېرىن قۇلاق قورۇمىسى
قارا پولو تەييارلاش ئۇسۇلى
كاۋا مانتىسى تەييارلاش
سامساقلىق قىزىل تۇرۇپ
كورىيە چىلىغان سىيى
قىزىل تۇرۇپتىن ئۇيۇلغان ئىجادى گۇللەر
قۇرغاق قازان بەرەنگە ياپىراقچىسى
چۈچۈمەل كالا گۆشى تەييارلاش
سامساقلىق پىدىگەن
چىلانغان يېسۋېلىك
پەمىدۇر بىلەن تەخسە بېزەش
لىمون تورت تەييارلاش