بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار

تەۋسىيلىك تائاملار

كوپ كۇرۇلگەن تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » رەسىملىك تائاملار » كاۋاپ شورپىلار
يالاڭ ھېسىپ شورپىسى(رەسىملىك)
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-06-07كۆرۈلىشى : قېتىم

خام ماتىريالى:كالا گوشى،تۇخۇم 1دانە،  ،پالەك ،سۇماي، كىراخمال ، پەمىدۇر،ماش ئۇگرىسى،چانالغان قىزىلمۇچ، غولپىياز،باش پىياز،سامساق .

_MG_0227.jpg

قۇشۇمچە: قارا قېرىن قۇلاق ، مايلىق يىسۋېلىك،قىزىلمۇچ

تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،كاۋاۋىچىن ، ئاچچىقسۇ،

تەييارلاش ئۇسۇلى:كالا گوشىنى توغراپ باش پىيازنىمۇ توغراپ ئاندىن يۇمشاق چاناپ خېمىر ھالەتكە كەلتۇرۇپ ،تۇز ، ئاقمۇچ،كاۋاۋىچىن ،كىراخمال ،تۇخۇم چېقىپ ئارلاشتۇرۇپ تەملەندۇرۇپ  خېمىر ھالەتكە ئەكىلىپ تەييارلىۋالىمىز.ماش ئوگرىسىنى قايناق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز.قارا قېرىن قۇلاق(مور) ،پالەك ،(مايلىق يىسۋېلىك) قىزىلمۇچلارنى 2سانتىمىتىر چوڭلىقتا توغراپ تەييارلىۋالىمىز.

_MG_0255.jpg

تەييار بولغان گوشنى ئۇرۇك چوڭلىقىدا كومىلاچ قىلىپ تەييارلىۋالىمىز. قازانغا ياغ قۇيۇپ نۇرمال قىزىغاندا تەييار بولغان كومىلاچلارنى سېلىپ بوش ئوتتا  قىزارتىپ مايدىن ئوتكۇزۇپ  پىشۇرۋالىمىز.

 

wanzi.jpg

پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا غولپىياز،سامساق،چانالغان قىزىلمۇچ،پەمىدۇر   سېلېپ  تەييارلانغان كومىلاچنى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ  ،ئارقىدىن  قارا قېرىن قۇلاق(مور) ،پالەك ،(مايلىق يىسۋېلىك) قىزىلمۇچ ،تۇز ،ئاقمۇچ، كاۋاۋىچىن سېلىپ  تەمىنى تېتىپ ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ   تەخسىگە ئۇسساق بۇلىدۇ

 _MG_0293.jpg

ئاشپەز تورى 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015