بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار

تەۋسىيلىك تائاملار

كوپ كۇرۇلگەن تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » رەسىملىك تائاملار » جان قوزام
قېتىق تەملىك ئىتالىيە چۆپى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : ئارزىگۈل ۋاقتى : 2017-04-27كۆرۈلىشى : قېتىم
 


تاماقنىڭ چۈشەندۈرلىشى :
تاماقنىڭ ئىسمى :  قېتىق تەملىك ئىتالىيە چۆپى .
ئىستىمال قىلىش يېشى : 7 ئايلىقتىن يۇقىرى ھەرقانداق بالىلارغا ماس كېلىدۇ .
كېرەكلىك ماتىرياللار : ئىتالىيە چۆپى 20 گىرام ، بۆلجۈرگەن ئاز مىقداردا، يېرىم تال بانان ، مۇۋاپىق مىقداردا قېتىق
قۇشۇمچە ماتىرياللار : قارا ئۆرۈك مۇۋاپىق مىقداردا ، زەيتۇن مېيى ئاز مىقداردا ، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا .
كېرەكلىك ئەسۋاپلار : ئادەتتىكى قازان ، چوكا .

 

تەييارلاش باسقۇچى :
1. ئىتالىيە چۆپى 20 گىرام ، بۆلجۈرگەن ئاز مىقداردا، يېرىم تال بانان ، مۇۋاپىق مىقداردا قېتىق تەييارلىۋالىمىز .


2. ئىتالىيە چۆپىنى ئاۋال 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە سوغۇق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز ، ئاندىن سۈزۈپ ئېلىپ قاينىتىپ پىشۇرىمىز .


3. بوش ئوتتا  10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە قاينىتىپ پۇشۇرىمىز ، قازاننىڭ تۇۋىقىنى ياپمايمىز .


4. قازان قايناپ بولغىچە بىز تەييارلىۋالغان باناننى توغراپ تەييارلىۋالىمىز .


5. بۆلجۈرگەننى 5 مىنۇت سۇغا چىلاپ قۇيىمىز ، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ پاكىزە يۇيۇپ ، مۇۋاپىق چۇڭلۇقتا توغراپ تەييارلىۋالىمىز .


6. بانان بىلەن بۆلجۈرگەننى ئېزىپ قىيام ھالەتكە ئەكىۋالىمىز .


7. قارا ئۆرۈكنىمۇ پاكىز يۇيۇپ ، ئېزىپ قىيام ھالىتىگە ئەكىلىۋالىمىز ، بۇنداق بولغاندا ئوماقلىرىمىزنىڭ ھەزىم قىلىشى ناھايىتى ئاسان بۇلىدۇ .


8. پىشىپ چىققان ئىتالىيە چۆپىنى سوغۇق سۇدىن بىر ئۆتكۈزىمىز ، بۇنداق بولغاندا چۆپ تېخىمۇ تىرىك چىقىدۇ.


9. چۆپنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمىز .


10. مانا ھەممىسى تۇلۇق تەييار بولدى .


11. ئىتالىيە چۆپىنىڭ ئۈستىگە قېتىقنى تۆكىمىز ، ئاندىن تەييارلىۋالغان بۆلجۈرگەننى ، ئاندىن باناننى سالىمىز ، ئەڭ ئاخىرىدا قارا ئۆرۈكنى سالىمىز . مانا ئوماقلىرىمىزنىڭ يەنە بىر ئامراق تامىقى تەييار بولدى .

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015