بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەۋسىيلىك تائاملار
كوپ كۇرۇلگەن تائاملار
تاماقنىڭ چۈشەندۈرلىشى :
تاماقنىڭ ئىسمى :كاۋا تەملىك موگو ئۇمىچى .
ئىستىمال قىلىش يېشى : 9 ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ .
كېرەكلىك ماتىرياللار : كاۋا 160 گىرام ، موگو 3 تال ، گۈرۈچ 40 گىرام .
كېرەكلىك ئەسۋاپلار : نەزىفە قازانلىرى . 1 تال قاچا . چوكا .
تەييارلاش باسقۇچى :
1 . كاۋا 160 گىرام ، موگو 3 تال ، گۈرۈچ 40 گىرام تەييارلىۋالىمىز .
2. گۈرۈچنى پاكىزە يۇيۇپ ، قازانغا سۇ قۇيۇپ بوش ئوتتا گۈرۈچنى قاينىتىمىز .
3. كاۋىنىڭ ئۇرىقىنى ئېلىۋېتىپ ، نورمال قىلىپ توغراپ تەييار قىلىمىز .
4. توغراپ تەييارلىۋالغان كاۋىنى قاچىغا ئېلىپ ، قاسقانغا قۇيۇپ ھوردا پىشۇرىمىز .
5. كاۋا پىشقىچە بىز موگونى تەييارلىۋالىمىز ، موگو چۇقۇم يېڭى بۇلىشى كېرەك .
6. يۇيۇپ پاكىزلىۋالغان موگونى توغراپ تەييارلىۋالىمىز .
7. تەييارلىۋالغان موگونى قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز ، ئاۋال كۈچلۈك ئوتتا كىيىن پەس ئوتتا قاينىتىمىز .
8 . پىشقان كاۋىغا ئازىراق سۇ ئارلاشتۇرۇپ ، ئۇنى ئىزىپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكىۋالىمىز .
9 . موگو قايناۋاتقان قازانغا ئېزىپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكىلىۋالغان كاۋىنى سېلىپ بىللە قاينىتىمىز .
10 . مانا ئومىقىڭىزنىڭ ئامراق تامىقى تەييار بولدى .
يېڭى يوللانغان تائاملار
قۇرغاق قازان بېلىق قورۇمىسى 干锅鱼
مايلىق يېسۋېلەك قېرىن قۇلاق قۇرىمىسى
قوي گۆشى شورپىسى تەييارلاش
قىزارتىپ قورىلغان كالا گۆشى بەرەنگە قورۇمىسى
بالىڭىزنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تاماق مانا بۇ يەردە
كالتىسىي مول بولغان ئېسىل تاماق
قېتىق تەملىك ئىتالىيە چۆپى
سۈت تەملىك كاۋا ئۇمىچى
بانان ئارلاشتۇرۇلغان تاتلىق ياڭيو
چېچەكسەي ئۇمىچى
تاتلىق ياڭيۇ قۇشۇلغان پىچەكگۈل ئۇمىچى
قەۋەتلىك گۈرۈچ بولكىسى دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟