كېتەرلىك ماتېرىياللار :ئۈچ قوشۇق قارا پۇرچاق ،ئۈچ قوشۇق قىزىل پۇرچاق، ئۈچ قوشۇق قارا گۈرۈچ، بەش قوشۇق ئاق گۈرۈچ، يەنى ئادەتتىكى گۈرۈچ،ئىككى قوشۇق قارا شېكەر،كىچىك بىرقوشۇق تۇز.
تەييارلاش ئۇسۇلى: يۇقارقى ئىككى خىل پۇرچاق بىلەن قارا گۈرۈچنى، پاكىز يۇيۇپ، ئىسسىق سۇغا چىلىۋالىمىز، تەخمىنەن ئۈچ—تۆت سائەتلەر ئەتراپىدا تۇرسا بولىدۇ.سىرلىق كورلىغا ئۈچ چىنە ئەتراپىدا سوغۇق سۇ قۇيىۋالىمىز،
ئاندىن چىلاپ قويۇلغان پۇرچاقلارنى سۈيى بىلەن بىللىلا كورىغا سالىمىز.يۇيۇپ تەييارلىۋالغان ئاق گۈرۈچنىمۇ بىللە سالىمىز،كورا قايناپ بولغاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ، پەس ئوتتا تەخمىنەن بىر سائەتتىن بىر يېرىم سائەتكىچە ئەتراپتا قاينىتىمىز،ياكى پۇرچاقلار ئېزىلىپ يۇمشاق ھالەتكە كەلگۈچە قايناتساق بولىدۇ.قاينىتىش جەريانىدا پات -پات ئارىلاشتۇرۇپ تۇرىمىز،پىشىپ بولغانلىقىغا كۆزىمىز يەتكەندە قارا شېكەرنى سېلىپ ئوبدان ئارىلاشتۇرىمىز، ئازراق تۇز سالىمىز،تۇزىنى تېتىتىۋەتمەيمىز، ئازلا سالساق كۇپايە.شۇنىڭ بىلەن مېزىلىك ھەم قۇۋۋەتلىك بولغان ناشتىلىقىمىز تەييارلانغان بولىدۇ.

بۇ ناشتىلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى: يۇقىرىقى خۇرۇچلارنىڭ، ئېنېرگىيە مىقدارى مول، تالا ماددىسى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قان ئاز، كالتسىي كام، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ سۈتى كەم بولۇشتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ.چوڭ-كىچىك قېرى -ياش ھەر قانداق ئادەملەرگە ماس كېلىدۇ.ئىزچىل ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، سۆڭەك بوشاپ كېتىش، تۆمۈر كاملىقتىن بولغان قان ئازلىق، سەمرىپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.