بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار

تەۋسىيلىك تائاملار

كوپ كۇرۇلگەن تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » رەسىملىك تائاملار » جان قوزام
بالىڭىزنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تاماق مانا بۇ يەردە
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : ئارزىگۈل ۋاقتى : 2017-04-27كۆرۈلىشى : قېتىم


تاماقنىڭ چۈشەندۈرلىشى :
ئىستىمال قىلىش يېشى :  6 ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ .
كېرەكلىك ماتىرياللار : بېلىق گۆشى 50 گىرام ، سەۋزە 30 گىرام ، پىچەكگۈل 90 گىرام .
كېرەكلىك ئەسۋاپلار : ئادەتتىكى قازان . دۈملەش قازىنى ، قىيام قىلىش قاچىسى، بىرقانچە تال تەخسە .
تەييارلاش باسقۇچى :
1. بېلىق گۆشى 50 گىرام ، سەۋزە 30 گىرام ، پىچەكگۈل 90 گىرام تەييار قىلىۋالىمىز .


2. سەۋزىنىڭ پوستىنى پاكىز ئاقلىۋېتىپ ، مۇۋاپىق چۇڭلۇقتا تۇغراپ ، قازانغا سۇ قۇيۇپ پىشۇرىمىز .


3. بېلىقنى پاكىز يۇيۇپ ، قاسقانغا سېلىپ دۈملەپ پىشۇرىمىز .


4. پىچەكگۈلنىڭ پوستىنى پاكىز ئاقلىۋېلىپ ، پاكىز يۇيۇپ ، مۇۋاپىق چۇڭلۇقتا قىلىپ توغرىۋالىمىز .


5. توغراپ بولغان پىچەكگۈلنى قىيام قىلىش قاچىسىغا سېلىپ ، قىيام قىلىمىز .


6. سەۋزە پىشقان بولسا ، سەۋزىنىمۇ قىيام قىلىش ماشىنىسىغا سېلىپ ، قىيام قىلىمىز .


7. ئەمدى قۇلىمىزنى پاكىز يۇيۇپ ، دۈملەپ پىشۇرۇپ بولغان بېلىقنى ئۇششاق قىلىپ پارچىلىۋالىمىز .


8. ئۇششاق قىلىپ پارچىلىۋالغان بېلىقنى ، قىيام قىلىش قاچىسىغا سېلىپ ، قىيام ھالەتكە ئەكىۋالىمىز .


9. قازانغا سۇ قۇيۇپ ، قىيام ھالەتتىكى پىچەكگۈلنى قاينىتىمىز . پەس ئوتتا 3 مىنۇت ئەتراپىدا قايناتساق بولىدۇ . 


10. قايناپ بولغان پىچەكگۈلنى قاچىغا ئالىمىز ، ئۈستىگە سەۋزىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېلىقنى سالىمىز . مانا ئوماقلىرىمىزنىڭ يەنە بىر تامىقى تەييار بولدى . 

 

 

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015