بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەۋسىيلىك تائاملار
كوپ كۇرۇلگەن تائاملار
ياش چەكلىمىسى : 6ئايلىقتىن 1 ياشقىچە بوۋاقلار
ماتېرياللار : تاتلىق ياڭيۇ 200گرام ، بانان بىر دانە ، سۈت 200 گرام
ئەسۋاپلار : قاسقان ، قىيما قىلىش قاچىسى ، سۈزگۈچ
تەييارلاش باسقۇچلىرى : باسقۇچتاياڭيۇنى پاكىز يۇيىۋالىمىز ، باناننى پوستىدىن ئايرىۋالىمىز
تاتلىق ياڭيۇنى قەن چوڭلۇقىدا توغراپ تەييارلىۋالىمىز
دېققەت : تاتلىق ياڭيۇنىڭ چوڭ_كىچىكلىكى نورمال بولسۇن
توغراپ تەييارلىۋالغان تاتلىق ياڭيۇنى قاسقانغا سېلىپ 15~20 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملىۋالىمىز
دۈملەپ تەييارلىۋالغان تاتلىق ياڭيۇنى قىيما قىلىش قاچىسىدا ئۇششاق ئېزىۋالىمىز، ئەگەر ئېزىش جەريانىدا قۇرغاق ھېس قىلساق مۇۋاپىق مىقتاردا سۈت قوشساقمۇ بولىدۇ
ئۇششاق ھالەتكە كەلگەن تاتلىق ياڭيۇنى تەييارلىۋالغان سۈزگۈچكە سېلىپ ئېزىپ بىر قاچىغا يۇمشاق ھالەتكە كەلتۈرىمىز ،يەنى بۇنداق قىلغاندا بوۋاقلىرىمىزنىڭ يىيىشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ
باناننى پوستىدىن ئاقلاپ تەڭگە چوڭلۇقىدا توغراپ تەييارلايمىز
ئاندىن توغراپ تەييارلىۋالغان بانان پارچىلىرىنى ئېزىش قاچىسىدا ئېزىپ تەييارلايمىز
ئېزىپ تەييارلىۋالغان باناننى سۈزگۈچكە سېلىپ ئۇنىڭدىن بانان شىرنىسى ئايرىۋالىمىز. ئانىلىرىمىز ئائىلىدە بانان ئورنىغا ئېھتىياجىغا قاراپ باشقا مىۋىلەرنىمۇ تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ
تەييارلىۋالغان تاتلىق ياڭيۇ شىرنىسى بىلەن بانان شىرنىسىگە سۈت قوشۇپ ئارلاشتۇرىمىز
ئەسكەرتىش:ئائىلىدە مىۋە ئېزىش ماشىنىسى بار ئانىلىرىمىز تاتلىق ياڭيۇ بىلەن باناننى مىۋە ئېزىش ماشىنىسىغا سېلىپ بىۋاستە شىرنە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ئاندىن سۈت بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئۇماق بوۋىقىمىزنىڭ تاتلىق تامىقىنى تەييارلىسا بولىدۇ
ئۇماقلىرىمىزنىڭ مېزىلىك ھەم قۇۋۋەتلىق تامىقى تەييار بولدى
تەۋسىيە:تاتلىق ياڭيۇ ۋە بانان شىرنىسىدىن تەييارلىغان تامىقىمىزنى بوۋاقلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق تامىقى ئورنىدا ئىستىمال قىلسا تامامەن بولىدۇ ، چۈنكى تاتلىق ياڭيۇ بىلەن بانان ئارلاشقاندا بەدەنگە ئېھتىياجلىق بولغان مول ۋىتامىنلار بولىدۇ، شېكەر قوشمىساقمۇ تەمى بەك تاتلىق
يېڭى يوللانغان تائاملار
قۇرغاق قازان بېلىق قورۇمىسى 干锅鱼
مايلىق يېسۋېلەك قېرىن قۇلاق قۇرىمىسى
قوي گۆشى شورپىسى تەييارلاش
قىزارتىپ قورىلغان كالا گۆشى بەرەنگە قورۇمىسى
بالىڭىزنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تاماق مانا بۇ يەردە
كالتىسىي مول بولغان ئېسىل تاماق
قېتىق تەملىك ئىتالىيە چۆپى
سۈت تەملىك كاۋا ئۇمىچى
بانان ئارلاشتۇرۇلغان تاتلىق ياڭيو
چېچەكسەي ئۇمىچى
تاتلىق ياڭيۇ قۇشۇلغان پىچەكگۈل ئۇمىچى
قەۋەتلىك گۈرۈچ بولكىسى دەپ ئاڭلىغانمۇ ؟