بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار

تەۋسىيلىك تائاملار

كوپ كۇرۇلگەن تائاملار

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  » رەسىملىك تائاملار » كاۋاپ شورپىلار
چۇچۇمەل ئاچچىق بېلىق شورپىسى
مەنبەسى : ئاشپەز تورىيوللىغۇچى : سەمەتجان ۋاقتى : 2016-08-19كۆرۈلىشى : قېتىم

ئاساسى ماتىريالى:ئوتخور بېلىق بىر دانە ،يۇملاق ماش ئويما(سوجۇ)،نىپىز ماش ئويما،مايلىق يېسۋېلىك،قۇشۇمچە:(چېچەكگۇل موگو)،
 
تەم خۇرۇچلىرى:سۇيېغى،تۇز،.ئاقمۇچ،زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىن، قاقمۇچ، سامساق، غولپىياز، كۇنجۇت،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،لاچىندانە،قۇشۇمچە:(پۇرچاق بوتقىسى،قىزىلمۇچ قىيامى ،قىزىلمۇچ مېيى،تېتىتقۇ)
تەييارلاش ئۇسۇلى:بېلېقنى پاكىز يۇيۇپ توغرايمىز ،باشقا ماتىرياللارنىمۇ رەسىمدە كورسىتىلگەن ئۇسۇل بۇيىچە توغرىۋالساق بۇلىدۇ،
 
شورپىسىنى تەييارلاش:قازانغا يېرىم چۇمۇچ ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا غولپىياز.سامساق ،زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىن ،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ ۋە قۇشۇمچە تەم خۇرۇچلارنى سېلىپ مەزلىك پۇراق چىققىچە قورۇپ تۇز سېلىپ  يەتتە چۇمۇچ سۇ قۇيۇپ بوش ئوتتا قاينىتىمىز .

  
  
يۇملاق ماش ئويما،نىپىز ماش ئويما،مايلىق يېسۋېلىكلەرنى شورپىغا سېلىپ بىر قاينىتىپ سورپا قاچىسىغا سۇزۋالىمىز .ئاندىن بېلىقنى سېلىپ 5مىنۇت ئەتىراپىدا بوش ئوتتا قاينىتىپ سورپا قاچىسىغا ئالىمىز.
 
شورپىنىڭ تۇز تەمىنى تېتىپ بېلىقنىڭ ئۇستىگە قۇيىمىز .شورپا ئۇستىگە كۇنجۇت، چانالغانسامساق ،غولپىياز(كىچىك غولپىياز بولسا تېىخى ياخشى )سىپىمىز قازانغا ئازراق قىزىلمۇچ مېيى قۇيۇپ قىزىغاندا شورپىنىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ پەردازلاپ مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقساق بۇلىدۇ.
 
ئالاھىدىلىكى
:تەمى ئوزگىچە بۇلۇپ ئاچچىق چۇچۇك ،يىيىشلىك شەكلى كوركەم ،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى .

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ، 新疆厨师网站版权所有

ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899838929 , 浙ICP备15004026号-1

Powered by axpaz.Com © 2015