بۇنى ئاۋۋال دورا_دەرمەك تەڭشەلگەن قېرى شورپىدا (لوۋتاڭ) گوشىنى پىشىۇۋالىمىز. قېرى شورپا تەييارلاش:داتلاشماس كورا ،ياكى بېسىملىق قازانغا يېرىم سۇقۇيۇپ تۇز سېلىپ كاۋاۋىچىن،قاقىلە،ئارپابەدىيان،قۇزاقدارچىن ،زەنجىۋىل مىقدارچىن ،قاقمۇچ ،مىقدارچىن پىل-پىل،شاكاپ بەدىيان قاتارلىقلارنى سېلىپ گوشنى سېلىپ كۈچلۈك جياڭيۇ قۇيۇپ (دورا -دەرمەك ھارىقى ئەڭ ياخشىسى ئىشلەتمەڭ) بىر باش سەۋزە ئازراق سېرىق ناۋات سېلىپ تەييارلاپ ئادەتتىكى قازاندا 2سائەت يۇقىرى بېسىملىق قازاندا 25 مىنۇت پىشۇرۇپ سۇزىۋالىمىز.
سىز دېگەندەك تەمىنى تەڭشەش ئۇچۇن ئازراق قىزىلمۇچنى يۇمشۇتۇپ ،يۇمشاق چانايمىز بىرباش غولپىياز،بىر باش سامساق،ئازراق زەنجىۋىللەرنى يۇمشاق چاناپ بۇلارنى بىر قاچىغا سېلىپ ئارلاشتۇرۋالىمىز.ئاندىن ،ئىككى چۇمۇچ ماي قىزىتىپ ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ
سۇغاق يېمەكلىكلەر ئۇچۇن مەخسۇس تەم تەڭشەش خۇرىچى تەييارلانغان بولىدۇ .ئازراق كۇنجۇت سېلىپ قويساقمۇ بولىدۇ .
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورد -دەرمەكلەر بىلەن پىشۇرۇلغان كالا گۆشىدىن 300 گىرامنى نېپىز توغراپ بىر قاچىغا تەييارلىۋالىمىز
تەم تەڭشەش: نېپىز توغرالغان كالا كۇشىگە .تۇز،ئۇستىدىكى قىزىلمۇچتىن بىر قوشۇق ،قىزىلمۇچ يېغىدىن بىر قوشۇق كاۋۋاۋىچىن مېيى.تۇز. ئاچچىقسۇ يېرىم قوشۇق ،كاۋاۋىچن مېيى نەچچە تامچە تېمىتىپ ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەمىنى تېتىپ تەخسىگە ئېلىپ ئىستېمال قىلىمىز .
تەخسىگە رەتلىك تىزىپ يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەم خۇرۇچلارنى تەڭشەپ ئۈستىگە قۇيۇپ ئىستېمال قىلساقمۇ بولىدۇ