2 [: u5 f, W1 w a& dنورۇز ئېشى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› پائالىيىتىدە ئالاھىدە تەييارلىنىدىغان بىرخىل ئالاھىدە تائامدۇر. ئۇيغۇر تىلى ئىملا لوغىتىدە ‹‹ تەۋرۇز ›› ئەمەس، بەلكى ‹‹ نورۇز ›› دەپ ئېلىنغان. ھۆرمەتلىك ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ‹‹ نورۇز نامە ›› كىتاۋىدا ‹‹ نورۇز ›› سۆزىگە تەبىر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ نورۇز ›› سۆزى ئەسلى ئىران تىلىدىكى ‹‹ نەۋرۇز ›› سۆزىدىن ئۇيغۇرلارغا ئۆزلەشكەن بولۇپ، ‹‹ نەۋ ›› يېڭى دىگەن مەنىنى، ‹‹ رۇز ›› كۈن دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدۇ، يەنى يېڭى كۈن، يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەنىلىرىنى بىلدۈرۈدۇ.‹‹ نورۇز ئېشى ›› ئېتىش-‹‹ نورۇز بايرىمى ›› دىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ بىر تۈرىدۇر، ‹‹ تارىختا، يەنى ئەجداتلىرىمىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىشتىن بۇرۇنلا، نورۇز ئېشى- ‹‹ تۇتماچ ››، يەنى تۇتما ئاچ ›› دەپ ئاتىلاتتى، ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› دا ئېتىلىدىغان تائام تۈرلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، بۇلار ‹‹ ق ›› ھەرىپىدىن باشلانغان يەتتە تۈرلۈك تائام- قايماق، قېتىق، قۇرۇت، قۇيماق، قۇيرۇق-بېغىر( دۇمبە-جېگەر)، قوزا گۆشى ( تونۇر كاۋاپ ياكى قورداق). ‹‹ س ›› ھەرىپىدىن باشلانغان توققۇز يىمەكلىك-سىراق-باش، سۈت، سېرىق ياغ، سۇيېغى، سوك-تېرىق، ساغۇن، سىركە، سامساق قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان غىزالار. كالا-قوي گۆشى بىلەن بۇغداي يارمىسىدا ئېتىلىدىغان داشقازان ئېشى-‹‹ ھېلىسە ››. بۇغداي مايسىسى قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك دانلاردىن تەييارلىنىدىغان ‹‹ سومۇلەك ›› قاتالىق تائاملاردىن ئىبارەت ئىدى، ئەجداتلىرىمىز بۇ ئارقىلىق توققۇزى تەل بولۇشنى تىلەيتتى. ››
8 Z; S" k* X6 P3 p دېمەك، بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە كەلگەندىمۇ، خەلقىمىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇ ئېسىل قۇتلۇق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە. ئىلى دىيارىنى مىسالغا ئالساق، ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› ھەرقايسى قاتلاملاردىن تا مەھەللە – ئائىلىلەرگىچە قۇتلۇقلىنىپ كەلمەكتە. ‹‹ تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىرباش پىياز ›› دېگەندەك، ‹‹ نورۇز ئېشى ›› نى تەييارلاشتىمۇ ئۆز شارائىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر ئومۇملاشقان
3 h: v1 |( |- V' r, e, @. o% w5 ]
‹‹ نورۇز ئېشى ›› نىڭ خۇرۇچلىرى ۋە تەييارلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە.
# W2 [0 g7 r3 \5 I( q
/ d& @; F2 Z, H1 H/ x$ t1 [ نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى( 10 كىشىلىك )
" f0 e+ y0 s) K% ~2 M* r
, |0 |$ \) s' m
6 v- ^, V% E( Q- X4 K
, p' H1 D" n9 I0 G* s' T2 \خام ماتىريالى:قوي قوۋۇرغا گۆشى بىر كىلوگىرام ، قوي سوڭىكى، قوينىڭ لوق گۆشى 300 گرام ،سۇماي
# {1 g# o( I, a% X& e, J M
/ e) e& V; Z! |+ B. ^
بۇغداي بىر كىلوگىرام، كۆكباش قوناق 200گرام ، نوقۇت 200 گرام ، گۈرۈچ 100 گرام ، كۆكپۇرچاق 100گرام ، ماش 100 گرام ، تېرىق 100گرام ، ئارپا 100گرام ، قىزىلپۇرچاق 100 گرام .
k5 t2 q1 ^6 B) F7 J: u
. k$ B' \1 Z) Y5 Z5 y: q ، قىزىلمۇچ 500 گرام، سەۋزە 1باش ، پىياز 1 باش ، پەمىدۇر 2 دانە ، ئاش كۆكى 10 گرام ، چامغۇر 500 گرام ،، زەنجىۋىل 50 گرام ، سامساق 100 گرام ،
6 g( \" j' r5 Z
2 }8 J3 h4 b4 i: D/ I1 A4 X* _+ }
: _ G: o$ {. W" C# T8 Q7 e; T8 l
( z: y4 a: ?9 ~1 r( N/ M
تەم خۇرۇچلىرى :تۇز ، ئاقمۇچ
7 D, ]7 T% s4 ~
تەييارلاش ئۇسۇلى:
" }6 W. @& W( o% M+ R; C7 u
1. 6 سائەت بۇرۇن بۇغداي ، پۇرچاقلار ، نوقۇت ، ئارپا ، تېرىق ، ماش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم ئايرىم قاچىغا سېلىنىپ يۇيۇلغاندىن كېيىن ئىلىمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ . كۆكتاتلار پاكىز يۇيۇلىدۇ.
" A/ g3 |0 ?& c( v: h' A+ z1 }4 e: H# `/ T0 h' i5 \& {
2. بىر چوڭ قازانغا قوۋۇرغۇلۇق گۆش بىلەن سوڭەكلەر سېلىنىپ يېتەلىك سۇ ( 10 كلو ) قۇيۇلۇپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈگى ئېلىنغاندىن كېيىن ، ئوت پەسلىتىلىپ سۇس ئوتتا گۆش پىشقىچە قاينىتىلىدۇ . ئاندىن قوۋۇرغۇلۇق گۆش سۈزىۋېلىنىپ ئۇششاق پارچىلىنىدۇ .
% y y' ~ W+ @! i
0 Y# `7 V. m3 D4 D: B3. شورپا قايناۋاتقان ۋاقىتتا ،لوق گۆش، سەۋزە ، چامغۇر ، قىزىلمۇچ ، پەمىدۇر ،كىچىك چاسا شەكىلدە توغرۇلۇدۇ ، سامساق ، پىياز ، زەنجىۋىللەر ئۇششاق توغرىلىدۇ ، ئاشكۆكى 2 سانتا ئۇزۇنلۇقتا توغرۇلىدۇ .
+ W2 f( P& }0 E5 h: m4 ]- J
4. قازاندىكى شورپىغا چىلانغان بۇغداي قاتارلىقلار ۋە گۈرۈچ ، چامغۇر ، سەۋزە ، قاتارلىقلار سېلىنىپ بوش ئوتتا قاينىتىلىدۇ ، قازاننىڭ تېگىگە تارتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پات - پات ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىشى كېرەك .
% J% K/ x7 G: q) ?$ d/ q% f, J
6 _! l i. r0 ~: o" t* p
/ Z5 r3 o) C0 B2 r6 R& a! B0 S# A5. يەنە بىر قازاننى ئوتقا قويۇپ ، ماي قۇيۇپ قىززىغاندا توغرالغان گۆشنى سېلىپ قورۇپ ئاندىن كېيىن ، پىياز ، سامساق ، زەنجىۋىل ، قىزىلمۇچ ، تۇز ، ئاقمۇچ ،، سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما ( يۈزلۈك ) قىلىنىپ ، تەييار قىلىنىدۇ .
3 i' {8 ]8 p3 @/ n2 p* X
" m3 W2 m) F/ w, b6 . قازاندىكى بۇغداي قاتارلىقلار پىشقاندا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ، قاچىلارغا ئۇسۇلۇ پ ئۈستىگە قورۇۋالغان قىيما ۋە ئاش كۆكى سېلىنىدۇ .
( \4 V0 H2 E3 a8 e
% J- p% I2 B8 t5 I: Z- k' @& L8 a: o! S) _* S
ئالاھىدىلىكى : بۇ تۈركى ، تاجىك مىللەتلىرىنىڭ جەم بولۇپ باھارنى كۈتىۋېلىشتا ئىستىمال قىلىدىغان كاتتا تامىقى بولۇپ ، بۇنىڭ خۇرۇچلىرى كۆپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، تۇزلۇق ، تاتلىق ، ئاچچىق ، چۈچۈك ، مەززىلىك ، پۇراقلىقتىن ئىبارەت ھەممە تەملەر تولۇق
4 W1 ~# `- \: B+ A0 I% l, b, U, @* n نورۇز ئېشىنىڭ ئوزۇقلۇقى توغرىسىدا
) D M) e: ]( x" {$ y. ?5 j% A2 ]‹‹ نورۇز ئېشى ›› غا ئىشلىتىدىغان بىرقىسىم خۇرۇچلارنىڭ ئېنىرگىيە مىقدارى، ۋە ئوزۇقلۇق تەركىۋەنىڭ سېلىشتۇرمىسى ( ھەر 100 گىرام بىرلىكتىكى مىقدارى )
1 k0 s! \* `/ p- {& Z$ Qئوزۇقلۇق تۈرى
6 {2 X1 |% _2 C
- ?4 v% T, o- F7 r1 n1 jخۇرۇچ ئىسسىقلىق ئاقسىل ياغ مېنىرال تالالىق تەبىئىتى
+ M! d+ ^3 S# N( g# T$ c1 Z8 z, N
ئىسمى مىقدارى ماددا ماددا
! ^0 Z* ] i. Z3 k, V8 E( `6 f6 [
كىلو جوول گىرام گىرام گىرام گىرام
* i) [# U" h! `+ B" c, ]& F# } * t, G$ w# s+ r+ B O
قوي گۆشى 849 19 14.1 - - ھۆل ئىسسىق
# i+ t6 U8 Q0 @+ P. C7 Yكالا گشى 523 19.9 4.2 2 - قۇرۇق سوغاق
3 ~, D: T, c" ~, b
بۇغداي 1438 11.2 1.5 73.6 2.1 قۇرۇق سوغاق
0 r+ W: E- ]+ @0 k2 vكۆممە قوناق 1425 8.1 3.3 75.2 5.6 مۆتىدىل
3 D' I5 r+ G: L" {8 L$ J2 ]نۇقۇت 347.6 28 5 61 5 قۇرۇق ئىسسىق
! n; y. r8 q6 g/ y7 ]
گۈرۈچ 485 2.6 0.3 25.9 0.3 مۆتىدىل
6 ?( G. \" e4 R$ q% l s' V! G% dماش 1321 21.6 0.8 62 6.4 ھۆل سوغاق
' S3 [) a& {5 x+ K9 o D* u
سېرىق پۇرچاق 1501 35 16 34.2 15.5 مۆتىدىل
8 @0 _7 j' ?/ J$ o! I
قىزىل كىچىك پۇرچاق 1292 20.2 0.6 63.4 7.7 مۆتىدىل
* A, J7 l. h ^4 t& y2 L6 l( p8 O, qتېرىق-سوك 1496 9.0 3.1 75.1 1.6 سوغاق
. D4 R) Y4 [1 C/ D5 |# [4 o1 Oئاق باقىلە 1237 23.4 1.4 57.2 9.8 مۆتىدىل
. B. f7 K- u5 |3 W. b' V) g0 b
سەۋزە 180 1.4 0.2 10.2 1.3 ھۆل ئىسسىق
- m! G% ?7 ~) X4 G
چامغۇر 86.7 1.5 - - 1.4 ھۆل ئىسسىق
# F! H, M7 T: J" u. X/ I9 F
# X- G4 p. Y, O z9 Q‹‹ نورۇز ئېشى ›› غا ئىشلىتىلگەن خۇرۇچلارنىڭ تۈرلىرى ناھايتى كۆپ بولغاچقا ۋە ھەرخىل دانلار ئاساس قىلىنغاچقا، بۇ ئاشتا ئاقسىل، مېنىرال ماددا مول، ماي ماددىسى تۆۋەن، تەنگە زۆرۈر بولغان كالتسىي، يود، ناترىي، كالىي، تۆمۈر، ۋە ھەرخىل ۋىتامىنلار مول بولۇپ، مىجەزنى تەڭشەش، ئاشقازاننى قۇۋەتلەش، ئىشنى بوشۇتۇش، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش، ئوزۇقلۇقى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى يىمەكلىرى سۈپۈتىدە ئەۋلاتتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلمەكتە ۋە بۈگۈنكى كۈندىمۇ نورۇزدىن باشقا چاغلاردىمۇ ئېسىل تائاملار سۈپۈتىدە كۈندىلىك داستىخنىمىزنىڭ سەرخىل تائاملىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالماقتا.
s8 l0 i: J" U+ r