قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر شەھەرلىك خەيرى- ساخاۋەتچىلەر جەمئىيىتى «قۇتبىلىگ» فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ «جاسارەت» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچسى، ياش كارخانىچى ئابدۇقەييۇم مۇھەممەدئىمىن 1970-يىلى قەشقەر شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ سودا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 1991-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە كەسىپنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ قەشقەر مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ بوغالتىرلىق، خەنزۇ تىلى كەسىپلىرى ۋە شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ بوغالتىرلىق كەسىپلىرىدە ئوقۇپ، تىجارەت ۋە كارخانا باشقۇرۇشتا چوقۇم ئىگىلەش زۆرۈر بولغان بىلىملەرنى مۇستەھكەملىگەن ھەمدە 2005- يىلىدىن 2011-يىلىغىچە قەشقەر «ئامىنە» مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولغان. ئۇ، بۇ 10 نەچچە يىللىق كارخانا باشقۇرۇش ۋە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، 2011- يىلى ئۆز ئالدىغا قەشقەر ئوتتۇرا جەنۇبىي ئاسىيا سانائەت باغچىسىدىن 20مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدە يەر سېتىۋېلىپ، 45 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، شىنجاڭ «جاسارەت» مۇسۇلمانچە پېچىنە- پىرەنىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلاپ، دەسلەپكى قەدەمدە 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سەرپ قىلىپ 8000كۇۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى زاۋۇت قۇۇلۇشىنى تاماملاپ، ئۈسكۈنىلىرى زامانىۋى، كۆلەملەشكەن، يىلىغا 3000توننا مەھسۇلات ئىشلەپچچىقىرش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇرۇپ ئاپتونوم رايونىمىز، جۈملىدىن ۋىلايىتىمىزنىڭ مىللىي سانائىتىگە تۆھپە قوشۇپلا قالماي، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلىرىمىزنى پۈتۈن مەملىكەت ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە قەدەر يۈزلەندۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالغان.
شىنجاڭ «جاسارەت» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىپ چىقىرىش بىر گەۋدىلەشكەن يۇقىرى پەن- تېخنىكلىق كارخانا بولۇپ،ئابدۇقېيۇم مۇھەممەدئىمىن قەشقەرنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن قوشنا بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە مول يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئىگە بولۇشتەك ئەۋزەللىكنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ كارخانىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان 80دىن ئارتۇق ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ، بۇ جەرياندا كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يېڭىلاش ۋە كارخانا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى كارخانىغا جەلپ قىلىپ، مەخسۇس تەجرىبە ئىشلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بىېرىپ ، « سۈپەت ئۈنۈم دېمەكتۇر، سۈپەت تەرەققىيات دېمەكتۇر، سۈپەت مەۋجۇت بولۇش دېمەكتۇر» دېگەن مىزاندا باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇ ، مېغىزلىق باقالى، ئاي توقاچ، تۇخۇم تۈرمىلى، ھەمدە تۇچ (ساچىما) ، بوغۇرساق، ئەشمە ۋە ھەرخىل تىتىتقۇ قاتارلىق 20نەچچە خىل مىللىي خاسلىققا ئىگە ئورالمىلىق، سۈپەتلىك، يېشىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۆز نۆۋىتىدە زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانى، ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيا ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىستېمالچىلارغا ئاشكارا ئېچىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەكلىپ- پىكىرلىرىگە يېقىندىن قۇلاق سېلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن. شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بۇ كارخانا قەشقەر ۋىلايەتلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەربىيەلەش بازىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.
بۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ۋىلايىتىمىزدىن ھالقىپ ئاپتونوم رايون، ئىچكى ئۆلكىلەر شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىياغا قەدەر سېىتىپ چىقىرىلغان ھەمدە 27 ئورۇندا ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى بەرپا قىلىنغان. ۋىلايىتىمىزدىكى120دىن ئارتۇق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپتە دۆلەتنىڭ ئوزۇقلۇق پىلانى بويىچە ئۇلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. 130 دىن ئارتۇق كۇرسانت بۇ كارخانىنىڭ تەربىيەلەش بازىسىىدا تەربىيەلىنىپ چىققاندىن كېيىن بىر قىسىملىرى بۇ شىركەتكە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسۇلمانچە يېمەكلىك كۆرگەزمىسى، قىرغىزىستان، تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكىلەر شۇنداقلا قەشقەر سودا يەرمەنكىسى، قەشقەر يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىىسىگە قاتناشتۇرۇپ زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ھەمدە مالايسىيا تەرەپ بىلەن مال بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ھازىرلىغان.
بۇ كارخانا بۇ يىل 10 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىش ۋە سېتىش پىلانىنى تۈزگەن بولۇپ، 11-ئاينىڭ باشلىرىغىچە 8 مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ بولغان.
بۇ كارخانا قۇدرەت تاپقاندا ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشنى سىياسەت ۋە باشقا جەھەتتە قوللىغان دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنى ئۇنتۇپ قالماي، چامىنىڭ يېتىشىچە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىپ، ئىلگىرى- كىيىن بولۇپ قەشقەر شەھەرلىك خەيرى- ساخاۋەتچىلەر جەمئىيىتى «قۇتبىلىگ» فوندىغا 30 مىڭ يۈەن، كېرىيە ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ئاممىغا 50مىڭ يۈەن قىممىتىدە ماددىي بۇيۇم، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى ۋە بىر قىسىم مەكتەپلەرگە 30 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ماددىي بۇيۇم، ئاجىزلار توپى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇىچلارغا 40 مىڭ يۈەن قىممىتىدە مەكتەپ فورمىسى، ئوقۇتۇش قوراللىرى ۋە نەق پۇل ياردەم قىلغان.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل تىلىۋالدى، ج ك پ سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شۇنداقلا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زىڭ سۈن قاتارلىق دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم بۇ كارخانىغا تەكشۈرۈشكە كېلىپ ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا ۋە كۆرسەتمە بەرگەن.
بۇ كارخانا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ دۆلەتلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشكەن. ۋىلايەت ۋە قەشقەر شەھىرى بويىچە كۆپ قېتىم «باشلامچى كارخانا»، «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سانائەتلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا»، «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئىشەنچلىك ئورۇن»، «توختامغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىناۋىتنى ساقلىغان كارخانا» دېگەن ناملارغا، شىركەتنىڭ دىرېكتورى ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد ئىمىن قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش تەرىپىدىن« مۇنەۋۋەر سىياسىي كېڭەش ھەيئەت ئەزاسى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولغان.
(خەۋەر ۋە سۈرەتلەرنى مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن تەييارلىغان)