2015-يىلى 31-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى يەنئەن يولى 154-نومۇر، يەنى جىلى تاشقى سودا سارىيىغا (ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى يېنى) جايلاشقان تۈركىيە Cazador كىيىملىرىنىڭ
جۇڭگودىكى تۇنجى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە لېنتا كېسىش پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.

1984-يىلى ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش رايونىدا كىچىك بىر دۇكان تىجارەت ھاياتىنى باشلىدى. 2001-يىلى ئەرجەم توقۇمىچىلىق فابرىكىسى gentile Giovane ماركىسى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا توپ ۋە پارچە سېتىشنى باشلىدى. خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سۈپەتلىك ۋە يارىشىملىق مودا كىيىملەرنى لايىھىلەپ چىقتى. 2005-يىلى gentile Giovane ۋە Designers.G Giovane بىرلىشىپ پۈتكۈل ئەرلەر كىيىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىغا تارقاتتى. ئامېرىكا، ياۋروپا-ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدىن باشقا، يەنە ھەرقايسى داڭلىق دۇكانلارغا كۆپلىگەن سەرخىل پاسونلۇق كىيىملەرنى تەمىنلەپ كەلدى. شىركەت ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە خېرىدارلارنىڭ تەلىپىنى مەركەز قىلىش ئاساسىدا، ئۆزىگە خاس لايىھىلەنگەن كىيىملەرنى ئىشلەپچىقىرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپىنى قاندۇردى. ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن ئەرجەم توقۇمىچىلىقى دۇنيادىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا ئىگە بولدى. ئەڭ سۈپەتلىك رەخىت ۋە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە پاسونلۇق كىيىملەرنى ئىشلەپچىقىرىپ بەزەرغا سېلىپ كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قوللىشىغا ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.
ئەرجەم توقۇمىچىلىقى، پارچە سېتىش ۋە توپ سېتىشنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمالچىلارغا ئەڭ ياخشى سېتىۋېلىش شارائىتىنى ھازىرلاپ بەردى.
بۈگۈنكى كۈندە روسىيەدە 55، تۈركىيەدە 39، قازاقىستاندا 13، ئىراندا 13، ئۇكرائىنادا 4، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئافرىقا، ئىراق، ئەزەربەيجان، بىلىروسىيە، تۈركىمەنىستان، ھىندىستان، ئۆزبەكىستان، قىرغىزستان، لىبان، يېڭى زىللاندىيە قاتارىق دۆلەتلەردە بىردىن مەخسۇس سېتىش نۇقتىسى ئېچىلدى.
1994-يىلىدىن بېرى B توقۇمىچىلىق سانائەت سودا تىجارەت چەكلىك شىركىتى ئاياللار مودا كىيىم ساھەسىدە Busem ماركىسىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كەڭ كۆلەمدە بازارغا سالدى. زامانىۋىي پاسوندا لايىھىلەنگەن ھەر خىل ئالىي سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تۈركىيە دۆلىتىدە 457، دۆلەت سىرتىدا 188 مەخسۇس سېتىش نۇقتىسى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى.
Busem ماركىسىدىكى كىيىم-كېچەكلەر قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، دۆلەت سىرتىدىكى سېتىش نۇقتىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. شۇنداقلا ئالبانىيە، ئەزەربەيجان، بەھرەين، سەئۇدى ئەرەبىستان، بىلگىيە، بوسنىيە گېرتسېگوۋىيە، ئەرمەنىيە، بۇلغارىيە، پەلەستىن، گروزىيە، گوللادىيە، ئىران، ئىراق، قازاقىستان، قىرغىزىستان، كوسوۋو، كۈۋەيت، لىۋىيە، مىسىر، مولدوۋىيە ۋە روسىيە قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەتكە مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىپ كەلمەكتە.
كازادور سۆزى تۈركچە ئوۋچى مەنىسىدە بولۇپ، كازادور كىيىملىرى ھازىرقى
شىنجاڭ بازىرىدىكى تۈركىيە كىيىملىرىدىن سۈپەتتە ئوخشاش، باھادا ئەرزان بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.