ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

شىنجاڭ ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى ئاشكارلاندى

ۋاقتى : 2015-10-31  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

ئانا تۇپراق تورى خەۋىرى : 2015 -يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ئىنىتل كەسپى تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ داۋەن تارماق مەكتەپ رايونىنىڭ يىغىن زالىدا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى . چۈنكى بۈگۈن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يۈرىكى ئىنتىل ئۈچۈن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە سوقىدىغان ئىنتايىن تىرىشچان قىز يىگىتلىرىمىز بۇ يىغىن زالىغا جەم بولغان ئىدى، بۇ يىگىت قىزلىرىمىز بولسا ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ، شەھەر ، ناھىيەلىرىدىن كەلگەن شىركەت ۋاكالەتچىلىرى ئىدى .

بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى بولسا بارلىق ۋاكالەتچىلەرگە شىنجاڭ ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ يېقىندا بازارغا سالماقچى بولغان يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ، شۇنداقلا بالىلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق بالىلار بويۇملىرىنى تونۇشتۇرۇش سۆھبەت يېغىنى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ ئىنتىل كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە پۈتۈن شىنجاڭدىن كەلگەن ۋاكالەتچىلەر ،شىركەتنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكى بىر قىسىم تەكلىپلىك مېھمانلار قاتناشقان بولۇپ ،پائالىيەت پۈتۈن بىر كۈن ئەھمىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى.چۈشتىن بۇرۇنقى پائالىيەتتە شىركەتنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات پىلانلىرى ،يېڭىدىن بازارغا سېلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ لايىھەسى ۋە باھاسى توغرىلىق چۈشەنچىلەر تەپسىلىي ئېلىپ بېرىلدى ۋە بىر يىللىق خىزمەتلەردىن خىزمەتلەردىن خۇلاسە ئېلىپ بېرىلىپ «ياخشى سېتىش ماھىرى»«بازار ئېچىش ماھىرى»«سېتىش چېمپىيونى» ۋە «ئۈلگىلىك ئورۇن» قاتارلىق ھەرخىل تۈرلەر بويىچە ۋاكالەتچىلەر مۇكاپاتلاندى.

مەزكۇر پائالىيەتتە شىنجاڭ ئىنتىل كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانلىرى ۋە نىشانلىرى توغرىلىق تەپسىلىي چۈشەنچە ئېلىپ بېرىلدى.چۈشتىن بۇرۇنلۇق پائالىيەتتە شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى،شىنجاڭ ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى،شىنجاڭ ئىنتىل كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى،شىنجاڭ ئىنتىل خەلقئارا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا يۈرەك سۆزىنى بايان قىلدى.شۇنداقلا شىنجاڭ ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تۇرغۇن ئىلىياس بارلىق ۋاكالەتچىلەر بىلەن شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىنتايىن سىستېمىلىق پىكىر ئالماشتۇردى.شۇنداقلا شىنجاڭ ئىنتىل كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئىبراھىم ئەپەندىم شىركەتنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق نۇرغۇن ياخشى ئوي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چۈشتىن بۇرۇنلۇق پائالىيەت ئاخىرلىشىپ بارلىق ئەزىز مېھمانلار ھەرەنباغ تاماقخانىسىغا بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك تاماق ئورۇنلاشتۇرۇلدى،چۈشتىن كېيىن بارلىق ۋاكالەتچىلەر شىنجاڭ ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ خۇارۈي قەغەزچىلىك باسما زاۋۇتى يېقىندا بىرلىشىپ قۇرۇپ چىققان باسما زاۋۇتىدا زىيارەتتە بولدى .زاۋۇتنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش جەريانىدا بارلىق ۋاكالەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە بولغان ئىشەنچىسى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.ھازىر شىنجاڭ ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ۋاكالەتچىسى 40 دىن ئاشقان بولۇپ 2015-يىلى يىللىق سېتىش سوممىسى 8 مىليوندىن ئاشقان .شىنجاڭ ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى 2016- يىلى يىللىق سېتىش سوممىسى 20 مىليوندىن ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلىرى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلغان بولۇپ،ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ،سېتىلىش نۇقتىلىرى ،سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى ياراتقان .بىز شىنجاڭ ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ،شىنجاڭ ئىنتىل كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئوتۇق ۋە ئامەتلەرنى تىلەيمىز،شۇنداقلا ياشلىرىمىزنىڭ جاپادىن قورقماس روھىغا ئاپرىن ئوقۇيمىز.

شىنجاڭ ئىنتىل خەلقئارا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا ، شىنجاڭ ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تۇرغۇن ئىلىياس ، شىنجاڭ ئىنتىل كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئىبراھىم ئەپەندىم

شىنجاڭ ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى باش ۋاكالەتچىسى مەمەتتۇختى ئەپەندىم

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا