ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون يەنە 24 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ۋاقتى : 2014-01-23  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 2014-يىلى 1-ئايدا 30 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون يەنە بىر قېتىم 24 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. 20-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى توردا بۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلىدى.

    بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون جەمئىي 24 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئالتە تۈرنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەرگەن، ئىككى تۈرنى ئۆزگەرتكەن، 92 تۈرنى 26 تۈرگە ئىخچاملىغان. بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى، پەن-تېخنىكا نازارىتى، ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى، سەھىيە نازارىتى، سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماققا چېتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە سەھىيە نازارىتى ئەمەلدىن قالدۇرغان تۈرلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، يودلۇق تۇز پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ سەھىيە ئىجازىتى، 2-تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر باكتېرىيەسى (زەھەر) تۈرلىرىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ تەستىقى، داۋالاش ئورگانلىرىدا ياسالما دورىلار ئىشخانىسى تەسىس قىلىش تەستىقى قاتارلىق جەمئىي 14 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
 

تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ ېبرىلگەن ئالتە تۈرنىڭ ئىچىدە تۆت تۈر سەھىيە نازارىتىنىڭ، بىر تۈر تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ، بىر تۈر ئاشلىق-يېمەكلىك ئىدارىسىنىڭ تۈرلىرىدىن ئىبارەت، بۇنىڭدىن باشقا ، ئۆزگەرگەن ئىككى تۈر ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تۈرى ئىكەن.

    ئىخچاملانغان 92 مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرى مەدەنىيەت نازارىتى، پەن-تېخنىكا نازارىتى، خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسى، يېمەكلىك–دورىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، سەھىيەنازارىتى، ئورمانچىلىق نازارىتى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماققا چېتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى جەمئىي 35 تۈرنى ئالتە تۈرگە ئىخچاملىغان.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا