رۇسىيە زۇڭلىسى دىمترى مېدۋېدېۋنىڭ 1-ئۆكتەبر ئېيتىشىچە، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ئەسلىگە كېلىدىكەن. شۇ كۈنى ئۇ رۇسىيە بىرىنچى تىلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا رۇسىيە ئىقتىسادىدا ئۆتكەن ئۈچ يىلدا پەيدا بولغان پاسسىپ يۆنىلىشىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلىشىشى ئومۇمىي ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ھۆكۈمەت قوللانغان ئىقتىسادىي تەدبىرگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا قايتىدىن ئازراق ئېشىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرگەن.
غەربنىڭ جازالىشى ۋە خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، رۇسىيە ئىقتىسادى يېقىنقى ئىككى يىلدا چېكىنگەنىدى. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا 2015-يىلى رۇسىيە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %3.7 تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا، رۇسىيە ھۆكۈمىتى 2016-يىللىق ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىيات ھەرىكەت پىلانى-كىرزىسقا قارشى تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن لېكىن يوشۇرۇن كۈچى چوڭ قىسىملارنى يۆلەش، يەنە بىر تەرەپتىن قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيە پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم تۆۋەنلەش يۆنىلىشدىن قارىغاندا بۇ پىلاننىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى كۆرۈلگەن.