ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

ئوباما ھۆكۈمىتى ئىرانغا قاراتقان پۇل مۇئامىلە جازاسىنى يەنىمۇ بوشىتىدۇ

ۋاقتى : 2016-10-11  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى  

20161011085449371.jpg

ئوباما ھۆكۈمىتى بىر قاتار باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئىرانغا قاراتقان پۇل مۇئامىلە جازاسىنى يەنىمۇ بوشىتىدۇ، بۇ تەدبىرلەر ئىراننىڭ دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتى ئېلان قىلغان ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئىران بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنىڭ يېڭى يېتەكچى كۆرسەتمىنى ئېلان قىلدى، مەزكۇر كۆرسەتمە ئىراننىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سودا قىلىشىغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بوشىتىدۇ.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى يەنە ئامېرىكىلىقلاردىن باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىراندىكى يوشۇرۇن سودا ھەمكارلىق شېرىكلىك دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان ئىران ئەمەلىي گەۋدىلىرىنى تۈرگە قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئالدىنقى شەرتى بۇ ئەمەلىي گەۋدىلەر پاي كونترول قىلىدىغان پايچېكلار بولماسلىقى كېرەك.
ئىران ئىراننىڭ سەرخىل ھەربىي تارمىقى بولغان ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەترىتىگە قاراتقان جازانى ساقلاپ قالدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەترىتىنى ئىران ئىقتىسادىدىكى يېتەكچى كۈچ دەپ قارايدۇ.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇزۇندىن بۇيان چەتئەل كارخانىلىرىنى ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەترىتى بىلەن ھەرقانداق سودا پائالىيىتى قىلماسلىقىنى توسۇپ كەلدى. بىراق، يېڭى تەدبىر ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە خەلقئارا تۈرگە قاتناشسا بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى نەچچە ئايدىن بۇيان بېشارەت بېرىپ ھۆكۈمەت تەدبىر قوللىنىپ ئىراننىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سودا قىلىشىغا چەكلىمە قويۇشنى بوشىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھازىرقى جازالاش تەدبىرى ئىران بانكىسى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئارقىلىق ھەرقانداق كەسپنى قانات يايدۇرۇشىنى چەكلەيدۇ.
بىراق، مالىيە مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىشىچە، ئىران ئامېرىكا بانكىسى ۋە ئورگىنىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئارقىلىق قانۇنلۇق ھالدا ئامېرىكا دوللىرىدىن پايدىلىنىپ سودا قىلسا بولىدىكەن، ئالدىنقى شەرتى بۇ بانكا ۋە ئورگانلارنىڭ ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولماسلىقى كېرەك.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كۆرسەتمىسىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ئورگىنى چەتئەلدە قۇرۇلغان ئالاقىدار شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ئىران ياكى ئىراندا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالغان شەخسلەرنىڭ ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىنىدىغان سودىسىنى بېجىرسە ياكى بۇ خىلدىكى ئامېرىكا دوللىرى ھېساباتىنى ساقلاپ قالسا بولىدىكەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا