ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

جۇڭگو دۆلەت مەھكىمىسى قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىشكە پىرىنسىپ بېكىتتى

ۋاقتى : 2016-10-11  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى  

20161011084940620.jpg

جۇڭگو دۆلەت مەھكىمىسى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان يېتەكچى پىكىر ئېلان قىلدى ھەمدە نۇقتىلىق ھالدا بازارلاشقان بانكا تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى پاي ھوقۇقىغا ئۆزگەرتىش شەكلىگە پىرىنسىپ تۈزدى، بۇ قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىشنىڭ رەسىمىي ئېچىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
يېقىنقى يىللاردا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پىشاڭلىشىش نىسبىتى يۇقىرى، قەرز كۆلىمىنىڭ ئېشىشى زىيادە تېز ھەمدە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا، كارخانا قەرز خەتىرى بۇ سەۋەبلىك شىددەت بىلەن ئاشتى، قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق دەرىجىسى زورايدى، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىغا غايەت زور ئاسارەت پەيدا قىلدى.
شۇڭا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولدى، بۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىزچىل بازارنىڭ تالاش-تارتىشىغا ئۇچراۋاتقان قەرزنى پايغا ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ پىكىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم پۇل سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش شەرتىدە بازارلاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش شەكلىدە ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق، ھازىرقى زامان كارخانا تۈزۈمىنى ياخشىلاپ ئۆز ئۆزىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كاپىتال زاپاس مالىيە كۈچىنى جانلاندۇرۇپ، قەرز قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بازارلاشقان بانكا تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى پاي ھوقۇقىغا ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇن بويىچە ۋەيران قىلدۇرۇپ، پاي ھوقۇقى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانا پىشاڭلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئاكتىپ تۆۋەنلەتمەكچى بولدى.
دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە بازارلاشتۇرۇلغان قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇشتا نىسبەتەن ياخشى شەرتكە ئىگە ئىكەن، قەرزنى پايغا ئالماشتۇرىدىغان ئوبيېكىت كارخانىلارنى بازارلاشتۇرۇشنى تاللاش، باھانى بازارلاشتۇرۇپ بېكىتىش، مەبلەغنى بازارلاشتۇرۇپ توپلاش، پاي ھوقۇقىنى بازارلاشتۇرۇپ چېكىندۈرۈش قاتارلىق ئۇزۇن ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى قۇرۇپ چىقىش، ھۆكۈمەت كارخانا، بانكا ھەمدە باشقا ئورگانلارنى قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىشنى مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك.
دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مۇردا كارخانا»، ئىشەنچىسىز كارخانا ۋە دۆلەت كەسپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كارخانىلارنى قەرزنى پايغا ئايلاندۇرۇشنى بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى قىلىشنى قاتتىق چەكلەيدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، بانكا تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى بىۋاسىتە پاي ھوقۇقىغا ئۆزگەرتسە بولمايدۇ. بانكا تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى پاي ھوقۇقىغا ئۆزگەرتىشتە يولغا قويۇلىدىغان ئورگانغا تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى، يولغا قويۇلغان ئورگان تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى ئوبيېكت كارخانىنىڭ پاي ھوقۇقىغا ئۆزگەرتىش شەكلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.
بىرلا ۋاقىتتا، پاي چكى ئىككىنچى دەرىجىلىك بازار سودا باھاسىنى بېكىتىشتە پېيى بازارغا سېلىنغان دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ پايغا ئۆزگەرتىش باھاسىنى ئۆلچەم قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ.
ھۆججەتتە پىشاڭلىشىشنى تۆۋەنلىتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان پاي بازىرى، پېرېۋوت بازىرى، زايوم بازىرى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە خەتەرلىرىنى قاتتىق نازارت قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ، خەتەرنىڭ بازار ھالقىپ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا