ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقى 1-ئۆكتەبر خەۋەر قىلىشىچە، قايتا تەشكىللەش مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان SHARP شىركىتى ئەڭ تېز بولغاندا 2018-يىلى توكيو ئاكسىيە بېرژىسى 2-تاختىيىدىن قايتىدىن ئاساسىي بازارغا قايتىشنى قولغا كەلتۈرمەكچى ئىكەن. قەرزى كۆپ بولغانلىقتىن بۇ يىل 8-ئايدا دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن تېزلىكتە ئاساسىي بازارغا قايتىش ئۈچۈن SHARP ئانا شىركەت فۇشىكاڭ سانائىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تىجارەت ئىستىراتىگىيەسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بار ساھەلەرگە ئاكتىپ مەبلەغ سېلىش قاتارلىق لايىھەلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاساسىي بازارغا قايتىش ئۈچۈن «تىجارەتنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى»، «ئومۇمىي بازار قىممىتى» قاتارلىق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك. ئەڭ چوڭ ئۆتكەل «پايدا ئاساسىنىڭ مۇقىملىقى». بۇنىڭ ئۈچۈن تېزلىكتە قەرزدىن قۇتۇلۇش كېرەك، لېكىن 2015- مالىيە يىلى SHARPنىڭ زىيان سوممىسى 200 مىليارد يىن (13 مىليارد 200 مىليون يۈەن) دىن ئېشىپ كەتتى. 2016-مالىيە يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىمۇ يەنىلا قىزىل رەقەم بولۇشى مۇمكىن.
دېرىكتور دەي جېڭۋۇ 2016-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پايدىنى تېزلىكتە ياخشىلاشنى، نۇقتىلىق كەسىپ بولمىغان پاتېنت باشقۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئورۇنلىرىنى فۇشىكاڭنىڭ بالا شىركىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شىركەتتىن ئايرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. دەي جېڭۋۇ 8-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تېزلىكتە 57 مىليارد 400 مىليون يىن ئەسلىھە مەبلىغى سېلىشنى قارار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ تۈۋرۈكى دەپ بېكىتىلگەن يېڭى بىر ئەۋلاد «ئورگانىك EL» تاختىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلماقچى.
چەتئەلگە نىسبەتەن SHARP يەنە بىر قېتىم ياۋروپا-ئامېرىكا تېلېۋىزور بازارىغا تېگىش قىلماقچى بولدى. ئۇدا كاسات بولۇۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى كەسپىمۇ ئاسىيادا گۈللەنگەن. دەي جېڭۋۇ پايدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىنشەنچىسىنى بىلدۈرۈپ: ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.
بۇرۇن Orico شىركىتى ئۈچ يېرىم يىلدا ئاساسىي بازارغا قايتىشتەك ئىشلار بولغان.
SHARP نىڭ ئىككى يىلدا ئاساسىي بازارغا قايتىش نىشانى تېخىمۇ قىسقا، ئەمەلگە ئاشامدۇ-يوق تېخى ئېنىق ئەمەس. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئىشەنگەن ھالدا:«مۇشۇنداق ئېھتىماللىقنى قوغلىشىڭلار، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا نەتىجە قازىنىش-قازىنالماسلىق مەغلۇپ بولۇش ياكى غەلىبە قىلىشنى بەلگىلەيدۇ» دېدى.