ياپونىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىتسۇبىشى ئايروپىلان شىركىتى مال زاكاز قىلغان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە ھازىر تەتقىق قىلىنىۋاتقان ياپونىيەدە تۇنجى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يولۇچىلار رېئاكتىپ تاق لىنىيەلىك ئايروپىلانى MRJنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدىكى تۇنجى مال تاپشۇرۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تېخنىكا قاتلىمىدا تەتقىق قىلىدىغان مەسىلە چىقىپ قالغانلىقىدىن ئىكەن.
ئەگەر ھەق تاپشۇرۇشنى راستلا كېچىكتۈرسە، مىتسۇبىشى ئايروپىلان شىركىتىنىڭ 5-قېتىم كېچىكتۈرۈشى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر لايىھەنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىپ قالسا ئاللىقاچان باشلاپ بولغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ئۆزگەرتمىسە بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا مال تاپشۇرۇش ۋاقتى بەكلا كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ.
ئالاقىدار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، مىتسۇبىشى ئايروپىلان شىركىتى ئادەتتە مال زاكاز قىلغان تەرەپكە ئايروپىلاننىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى دوكلات قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە مال تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش مەزمۇنىنى چۈشەندۈرگەن.
مىتسۇبىشى ئايروپىلان شىركىتى MRJنى سودىدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھازىر بىخەتەرلىك ئىسپاتىغا كېرەك بولىدىغان جەمئىي 2500 سائەتلىك ئۇچۇش تەجرىبىسىنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆزگەرتىش لايىھەسىمۇ سىناق ئۇچۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. MRJنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق سىناق ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 28-سېنتەبر سىناق ئۇچۇش شەرتى مۇكەممەل بولغان ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ۋاشىنگتون ئىشتاتى ئايرودرومىغا يېتىپ بارغان.
MRJنى تۇنجى زاكاز قىلغان تەرەپ ئومۇمىي مال زاكازى 25 دانە بولغان ANA پاي كونترول گۇرۇھى. مىتسۇبىشى ئايروپىلان شىركىتى بىرىنچى نومۇرلۇق سىناق ئايروپىلان سىناق ئۇچۇپ بولغاندىن كېيىنكى 2015-يىلى 12-ئايدا يېڭى سىناق تۈرىنى كۆپەيتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ھەق تاپشۇرىدىغان ۋاقىتنى 2017-يىلى باھاردىن 2018-يىلىنىڭ ئوتتۇرىغا سۈرگەنىدى.