ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

خەلق بانكىسى: ئوخشاش بانكىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا كەسىپ بېجىرسە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ

ۋاقتى : 2016-10-02  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى  

20161001170044438.jpg

يېقىندىن بۇيانقى «شۈ يۈيۈ دېلوسى» قاتارلىق تېلېگراف ئالدامچىلىقى دىلولىرىنىڭ كۆپ قېتىم يۈز بېرىشىدەك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈنۈگۈن كەچ «چىقىم ۋە ھېسابات ئۈزۈشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى شەكىلدىكى تېلېگراف تورى  قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دەپ ئېلىنىدۇ)نى ئېلان قىلدى، بۇ ئۇقتۇرۇشتا ھېسابات ئۈزۈشتىن باشلاپ تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايى قىلمىشلىرىغا «قاتتىق مۇش» بىلەن زەربە ببېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئۇقتۇرۇش مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: 12-ئايدىن باشلاپ ئوخشاش بىر ئادەم ئوخشاش بىر بانكىدا پەقەت بىر تاللا چىقىم ھېساباتى بېجىرەلەيدۇ، ئوخشاش بانكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا پۇل ئېلىش، پۇل قويۇش، ھېسابات يۆتكەش رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ.
شەخسىي ھېساباتنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش بولسا مۇھىم نۇقتا
ئىگىلىنىشىچە، شەخسىي ھېساباتنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش بۇ قېتىملىق يېڭى سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ، ئوخشاش بىر ئادەم ئوخشاش بىر بانكىدا پەقەت بىر تاللا I تۈرلۈك ھېسابات ئاچقۇزالايدۇ، ئەگەر I تۈردىكى ھېسابات نومۇرى ئاللىبۇرۇن ئېچىلىپ بولغان ھەمدە يېڭىدىن ھېسابات نومۇرى ئاچقۇزماقچى بولسا، II ياكى III تۈردىكى ھېسابات نومۇرى ئاچقۇزۇش كېرەك.
بىر ئادەم ئوخشاش بىر بانكىدا پەقەت بىر تاللا I تۈردىكى ھېسابات نومۇرى ئاچقۇزۇشقا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، شەخسلەرنىڭ باشقا رايونلاردىكى تۇرمۇش، ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئۇقتۇرۇشتا  ھەرقايسى بانكىلارنىڭ مەزكۇر بانكا ئىچىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا پۇل قويۇش، پۇل ئېلىش، ھېسابات يۆتكەش قاتارلىق كەسىپلىرىگە رەسمىيەت ھەققى ئالىدىغانلىرى، مۇشۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە، بۇ مۇلازىمەت ھەقلىرىنى بىكار قىلىشى كېرەك.
مەركىزىي بانكا تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، I تۈرلۈك ھېسابات بولسا شەخس بانكىنىڭ كۆزنىكىدە بېجىرگەن، نەق مەيداندا سالاھىيىتىنى جەزملەشتۈرگەن ھېسابات نومۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىقتىدارلىرىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. II تۈرلۈك ھېسابات نومۇرى بولسا، بانكا كۆزنىكى ياكى تور بانكىسى قاتارلىق ئېلېكترون ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بېجىرگەن بانكا ھېسابات نومۇرى بولۇپ ئۇلار چەكلىك ئىقتىدارغا ئىگە، شۇنداقلا بىرىنچى تۈرلۈك ھېسابات نومۇرى بىلەن باغلاپ ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەركىزىي بانكا يەنە چىقىم قىلىش ھېسابات نومۇرىنىمۇ I ،II ،III تۈرگە بۆلدى.
ھېسابات نومۇر ئېلىپ سېتىش ۋە ساختا ھېسابات نومۇرى ئېچىش قاتارلىق قىلمىشلارنى توسقىلى بولىدۇ
ئىگىلىنىشچە، ھازىرقى شارائىتتىكى تېلېگراف، توردىكى يېڭى شەكىلدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلاردا، جىنايەت ئۇنسۇرلىرى بەزى كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ قولىدىكى بانكا ھېسابات نومۇرى ياكى چىقىم ھېسابات نومۇرىنى سېتىشقا قىزىقتۇرىدىكەن، ھەتتا بەزىلىرى بۇ ئادەملەرنى تەشكىللەپ بىۋاسىتە بانكىغا بېرىپ، تۈركۈم تۈركۈملەپ ھېسابات نومۇرى ئاچقۇزغاندىن كېيىن ساتىدىكەن، بەزىلىرى بولسا سېتىۋالغان ئاھالىلەر كىملىك نومۇرىنى ئىشلىتىپ، ھېسابات ئاچقۇچىنىڭ قىياپىتىگە ياكى ھېسابات ئاچقۇچىنىڭ دوستلىرى، ئۇرۇق تۇغقانلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، بانكىغا بېرىپ ياكى توردا چىقىم ھېسابات نومۇرى ئاچقۇزىدىكەن.
مەركىزىي بانكا مۇنداق دېدى: شەخسىي ھېسابات نومۇرلىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش بولسا، ھېسابات نومۇر ئېلىپ سېتىش، ساختا ھېسابات نومۇرى ئاچقۇزۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدۇ، ھەمدە ھېسابات ئىگىسىنىڭ ھېسابات نومۇرىغا بولغان باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، شەخسىي ھېسابات نومۇرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلالايدۇ.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، مەركىزى بانكا تەرەپ ئېنىق مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىملىق ئۇقتۇرۇش ئاساسلىقى مىقدارى ئېشىپ كەتكەن ھېسابات نومۇرىغا قارىتا قېلىپلاشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. شەخسلەر 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئاچقۇزغان I تۈرلۈك ھېسابات نومۇرى بۇ قېتىملىق بەلگىلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۇقتۇرۇش يەنە بانكا بىلەن چىقىم قىلغۇچى ئورگاننىڭ گۇمانلىق ھېساب ئاچقۇچىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىش، دېلوغا چېتىشلىق ھېسابات ۋە ھېسابات ئاچقۇچىنىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق ھېساباتنىڭ كەسىپلىرىنى توختىتىپ قويۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى جەزىملەشتۈردى. چىقىم قىلىش يوللىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار پايدىلىنىدىغان يوچۇقلارنى ئەۋەتتى.

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا