پاكىستان مېدىيالىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇرۇن ئىنتايىن باي Oger شىركىتى ئۆزى ياللىغان نەچچە مىڭ پاكىستانلىق ئىشچىغا مائاش تارقىتالمىغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 400 ئادەم پەقەتلا ئامال قىلالمىغانلىقتىن، مائاشتىن ۋاز كېچىپ دۆلىتىگە قايتىپ كەتمەكچى بولغان.
بۇ ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەخمىنەن 6500 نەپەر پاكىستانلىق ئىشچى سەئۇدى ئەرەبىستاندا 8،9 ئايدىن بېرى ئۆزىنىڭ مائاشىنى ئالالمىغان.
پاكىستان ئىشچىلىرىدىن باشقا يەنە فىلىپپىن ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىشچىلىرىمۇ ئوخشاش مەسىلىگە يولۇققان. Oger شىركىتىنىڭ مائاش تارقىتالماسلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىشچىلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ناھايىتى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا بىر تۈرلۈك ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، سەئۇدىيدا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك ئىشچىلار ئۈچۈن 27 مىليون دوللارلىق بىر قۇتقۇزۇش فوندى قۇردى ۋە ئۇلارنى يېمەكلىك، دورا ۋە دۆلىتىگە قايتىپ كېتىدىغان ئايروپىلان بېلىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىدى. ئەلۋەتتە، ئەگەر ئۇلار خالىسا باشقا سەئۇدى ئەرەبىستان شىركەتلىرىگە بېرىپ داۋاملىق ئىشلىسە بولىدىكەن.
بىراق پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئادەملەرلا باشقا شىركەتلەرگە بېرىپ ئىشلەشنى خالايدىكەن، چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستاندا باشقا كەسىپلەردە قۇرۇلۇش كەسپىگە ئوخشاش جىق پۇل تاپقىلى بولمايدۇ. بەزىلەر داۋاملىق ساقلىغان، ياكى دۆلىتىگە قايتىپ باشقا چىقىش يولى ئىزدىگەن.