
خەۋەرگە قارىغاندا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان ھەربىي ئايروپىلان بولۇپ، ئايروپىلان خادىمى پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن ئورۇن جېجىياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەسى باۋفۇ بازىرى، تاڭكوۋ كەنتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يەرلىك ئاممىدا كۈچلۈك سىلكىنىش سېزىمى بولغان، بىر تورداش ئۆز ئۆيىنىڭ ئەينەكلىرىنىڭ سىلكىنىشتە چېقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېتقان.
باۋفۇ بازىرىدىكى فېڭ ئەپەندى مۇخبىرغا ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ باۋفۇ بازىرىنىڭ غەرب تەرىپىگە تەخمىنەن 4 كېلومىتىر كېلىدىغانلىقىنى، 12-دېكابر بېيجىڭ ۋاقتى 7 دىن 10 مىنۇتلار ئەتراپىدا كەچلىك تاماق يەۋاتقاندا، كۈچلۈك ئاۋاز ئاڭلانغانلىقىنى، ئۆي ئىچىدە كۈچلۈك تەۋرىنىش بولۇپ، جوزا ئۈستىدىكى تەخسىلەرنىڭمۇ سەكرەپ كەتكەنلىكىنى ئېتقان.
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى ئۆلگەن، يەر يۈزىدە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.