
خەلق تورى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمىلق زىيارەت لى كېچياڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، جۇڭگو مىنىستىرىنىڭ 19 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم رومىنىيەنى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا لى كېچياڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مىنىستىرلار يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولىدۇ.
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ھەمكارلىق تارىخى ئۇزۇن، تەرەققىيات سەۋىيىسى ئوخشاش ئىكەن. جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلۋاتقان دۆلەت، ھازىر ئىقتىسادى ئىلگىرلەش ھالىتىدە بولۇپ، يېڭى بىر ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى كۈتىۋالىدىكەن. ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ياۋروپا ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ «يېڭىدىن گۈللەنگەن كۈچى» ھېسابلىنىدىكەن. جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرق ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان روشەن ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن.
بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەت: ئالبانىيە، بوسنىيە ۋە ھېرتسىگوۋىنا، بۇلغارىيە، كرودىيە، چېخ، ئىستونىيە، ۋېنگىرىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، ماكېدونىيە، قارا تاغ، پولشا، رومىنىيە، سلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 11 دۆلەت ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرگەن.