نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 1074 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈچ قېتىم ئاسىيا چېمپىيون بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى شاللىنىپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23
  • يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم
  • مەنبەسى :



 13–يانۋار كەچتە ئېلىپ بېرىلغان 2011–يىللىق قاتار ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 2–ئايلانمىسىدا ,  B گۇرۇپپىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن ئىئوردانىيە كوماندىىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە ، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى 0 دە 1 نەتىجە بىلەن ئىئوردانىيە كوماندىىسغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

    سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىىسى ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە 1 دە 2نەتىجە بىلەن سۈرىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقتىن باش ترېنېر پېيسېرو ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇپ ، ياردەمچى ترېنېر ناسېل باش ترېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى . ئاسىيا قىتئەسىدە خېلى كۈچلۈك دەپ قارالغان بۇ كوماندا 2–ئايلانما مۇسابىقىدىمۇ بەخىتكە قارشى ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ گۇرۇپپىدىن چىقىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىدى .

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ ، توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتى بولمىدى ، ئئوردانىيە كوماندىسنىڭ بولسا تەلىيى ياخشى كىلىپ 41– مىنۇتىغا كەلگەندە 4–نۇمۇر ئابدۇراخمان پاس بەرگەن توپ  ۋاراتارغا بىۋاستە كىرىپ كېتىپ ، ئئوردانىيە كوماندىسى 1 دە 0 ئۈستۈنلىككە ئېرىشتۈردى . كېيىنكى يېرىم مەيداندا سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىىسى بىر نەچچە خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ ، ئئوردانىيە كوماندىىسى ۋراتارسى ئامىرنىڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن توپ كىرمىدى . نەتىجىدە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى 0 دە 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى .
 


 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش