رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 493 قېتىم كۈرۈلدى
ئادىلجان سۇلايمان ھەققىدە
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -06
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : hawar.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

ئادىلجان سۇلايمان 1967-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان بولۇپ، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئاساسلىق بېكى. ھازىر <<بىرىنچى ئاۋغۇست>> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى. 1986-يىلى <<1-ئاۋغۇست>> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا، 1989- يىلى دۆلەت كوماندىسىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ مەملىكىتىمىز ۋاسكىتبولچىلىق تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىققان ماھىر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ مۇداپىئە قىلىش ۋە ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۈزىتىشكە ماھىر بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن«ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى سېھرىگەر»دەپ ئاتالغان.
ئادىلجان كىچىكىدىن ۋاسكىتبولغا قىزىقاتتى. 1979-يىلى ئادىلجان 13ياش ۋاقتىدا دادىسى سۇلايمان ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى بايقاپ، ئۇنى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولىدۇ، لېكىن ئادىلجاننىڭ بويى ئۆلچەمگە توشمىغانلىقتىن، ئۇ ۋاسكىتبول سىنىپىغا كىرەلمەي ئامالسىز پۇتبول سىنىپىغا كىرىدۇ. 3ئايدىن كېيىنكى بىر ۋاسكىتبول مۇسابىقىدە، ئۇ باشچىلىقىدىكى پۇتبول سىنىپى ۋاسكىتبول سىنىپىنى يېڭىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ۋاسكىتبول ئويناش ھاياتى رەسمىي باشلىنىدۇ.
<<1-ئاۋغۇست>> ۋاسكىتبول كوماندىسى تارىخىدا ئادىلجاننىڭ ئىسمى كوماندا ئەزالىرى ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. 1986-يىلى 3-ئايدا، ئادىلجان <<1-ئاۋغۇست >> ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ يېشى ئەڭ كىچىك ئەزاسى سۈپىتىدە خۇنەننىڭ چاڭشادا مەيدانغا چىققان. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئادىلجاننىڭ ۋاسكىتبول ماھارىتى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ نامى ئېغىزدىن -ئېغىزغا تارقالغان. 1.82 مېتىرلىق بۇ ياش ئۇيغۇر يىگىتى بېشىغا قىزىل لېنتا باغلاپ، 5-نومۇرلۇق توپ كىيىمىنى كەيگىنىچە مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ تالانتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئادىلجان <<1-ئاۋغۇست>> كوماندىسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئەزادىن يېشى ئەڭ چوڭ ئەزاغا ئايلاندى. ھازىر ئۇ دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرىنېرى، <<1-ئاۋغۇست >> ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنېرى. ھازىر ئادىلجاننىڭ بىر ئوغلى ۋە بىر قىزى بار بولۇپ، ئۇ ئايالى بىلەن بىرلىكتە بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلىمەكتە

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش