رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 143 قېتىم كۈرۈلدى
ئەنگىلىيەلىك بىر ئەرگە مۇكاپات چىقىپ ئادەتتكى ئادەمدىن مىليونىرغا ئايلاندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-10 -06
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : hawar.cn

ۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئاينىڭ2-كۈنىدىكى خەۋىرى، تەيۋەن " كۈندىلىك خەۋەرلەر" گىزىتنىڭ 1-چىسلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك 41 ياشلىق ئەر ئادىرىيان بايفورد 2012-يىلى 8-ئايدا ياۋروپا يالغۇز كىشىلىكلەر يۈز مىليونلۇق مۇكاپات چىقىپ، 148 مىليون ئەنگىلىيە پۇلى يەنى 1510 مىليون خەلق پۇلىغا ئىرىشتى ۋە ئاددى چالغۇ ئەسۋاپ دۇككىنىنىڭ خوجايىنىدىن مىليونىرغا ئايلاندى. بىراق ئۇ بۇ پۇلغا ئىرىشكىنى ئۈچۈن ئۆزىنى يوقىتىپ قويماستىن، يەنىلا ئادەتتىكىدەك دۇككىنىنى ئىچىپ، ئايالى بىلەن ئاددى تۇرمۇش ئۆتكۈزدى.

ئىگلىنىشىچە، بۇ چالغۇ ئەسۋاپ دۇككىنىنى بايفور قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ بەرپا قىلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى يايمىدىن ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن. مىليونىرغا ئايلانغاندىن كىينىمۇ ئۇ يەنىلا ئادەتتىكىدەك دۇكان ئاچماقتا. ئۇ پادىچىلار ئىشتىنى ، كۆڭلەك كىيىپ، دۇكانلارنى تازىلاپ، خىرىدارلار بىلەن دوسلۇق ئورناتماقتا، ھازىرمۇ ئۇنىڭدا ئازراقمۇ مىليونىرلارنىڭ كىبىرى يوق.

ئاخبارات ۋاستىلىرى بايفوردنى زىيارە ت قىلىپ بۇ پۇللارنى قانداق ئىشلەتمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى سورىغاندا ئۇ، ئايالى بىلەن ئىككىسى يىڭى بىر ماشىنا ئالماقچى،يەنى يىڭى بىر فورد ماركىلىق ماشىنا ئالماقچى بولغىنىنى ئىيتقان. ئۇ بۇ پۇللارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ، يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئاددى تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش