رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1112 قېتىم كۈرۈلدى
ئېلى ئوبلاستى قارا يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچرىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -28
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

ئېلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرى،غۇلجا ناھىيسى جاۋسۇ ناھىيسى قاتارلىق جايلاردىكى يېزا-بازارلار ئىككى كۈندىن بۇيان قارا يامغۇر،مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىغان.ئاپەتتە10مىڭ دىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان،نۇرغۇن ئۆي،پارنىك،قوتان،ئېرىق،ئۆستەڭ،قورشاۋ تام ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلققا ئۇچرىغان،بىر قىسىم مال-چارۋىلارنىڭ ئۆلىشى ۋە زىرائەتلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان64 مىليوندىن ئاشقان،بەخىتكە يارىشا ئۆلۈش-يارلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.يەرلىك خەلق ئىشلار ئورۇنلىرى تېزلىكتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاپەتكە تاقابىل تۇرغان.
ئېلى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلار ئىدارىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى نۇرتاينىڭ چۈشەندۈرىشىچە،30مىليون171مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجرىتىلغان بولۇپ.دەل ۋاقتىدا ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن،بىر قىسىم خەتەرلىك ئۆيلەردىكى ئامما بىخەتەر جايغا كۆچۈرۈلگەن.
ئېلى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلار ئىدارىسى ھەرتۈرلۈك خىزمەتلىك ياخشى ئىشلەپ،ئاپەت رايونىدكى كىشىلەر ئھتىياجلىق بۇيۇملار زاپاس ساقلانغان.

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203