رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> شىنجاڭ >> يازما كۈرۈش >> 1110 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈرۈمچىدە 1-يول ئاپتۇبۇسى بىلەن101-يول ئاپتۇبۇسى سوقۇلۇپ كەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -28
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :
6-ئاينىڭ26-كۈنى سائەت9لەردە،ئۈرۈمچىنىڭ نۇرلۇق يولى شىداچاۋ كۆۋرىكى لاھىيلەش ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىكى بېكەتتە،1-يول ئاپتۇبوسى بىلەن بىر 101-يول ئاپتۇبۇسى قوغلىشىپ 23 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇنىڭ ئىچىدە 6 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.
سائەت 10 لاردا  مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا كېلىپ 101-يول ئاپتۇبوسىغا ئولتۇرۇپ يارلانغان لىيۇ خانىمنى كۆرگەن بولۇپ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ قىزىغا ھەمرا بولۇپ قىزنىڭ 66 -ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىمتىھان بېرىشى ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئىكەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە،ئانا-بالا ئىككەيلەن ئەڭ ئاخىرىقى رەتتە ئولتۇرغان بولۇپ سوقۇلۇشتىن قاڭقىپ كەتكەن،ئارقىدىنلا بېشى قېيىپ ئاغرىغان،بۇرنىدىن قان ئاققان،قىزىغا ھېچ ئىش بولمىغان بولۇپ،قىزى قورقۇپ كەتكەن بولۇپ يىغلىغىنىچە باشقا بىر 101-يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئىمتىھانغا قاتناشقىلى ماڭغان.
1-يول ئاپتۇبۇسىنىڭ ئايال شوپۇرىنىڭ سول پۇتى ئېغىر يارلانغان بولۇپ ئۇنىڭ ئېرى«بەلكىم بىرەر چاتاق چىققان ئوخشايدۇ ،ماشىنىنى توختىتالماي ئالدىدىكى ماشىنىنىڭ كەينىگە ئۇرىۋىلىپتۇ»دېگەن.
ۋەقەدىن كېيىن،ئۈرۈمچى ئاممىۋىي ئاپتۇبۇس گۇرۇھىنىڭ شۇجىسى خېيوڭخەي بىمارلارنى يوقلىغان ۋە يارلانغانلارنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.نۆۋەتتە بۇ ۋەقە داۋاملىق تەكشۈرىلىۋىتىپتۇ.

 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203