رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 1108 قېتىم كۈرۈلدى
مىسىر ھۆكۈمىتى مۇبارەكنىڭ راك كېسىلىنى ئىنكار قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -28
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، «بۈگۈنكى مىسىر گېزىتى» نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقى مىسىرنىڭ ئالدىنقى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھەرقانداق ھۆكۈمەت ھۆججىتىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇبارەك نۆۋەتتە قىزىل دېڭىز ساھىلىدىكى شارم ئەلشەھىدە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن داۋالىنىۋاتقانىدى. مۇبارەكنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى فارېد دىبو يېقىنقى كۈنلەردە مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان:«ئۇنىڭ ئاشقازان راكى بىلەن ئۆسمىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ كېتىۋاتىدۇ».
ئەمما، «بۈگۈنكى مىسىر گېزىتى» مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئامدۇلھەمىد ئابباسنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى:«سەھىيە مىسنىتىرلكىكىدە ئالدىنقى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار ھېچقانداق ھۆكۈمەت ھۆججىتى يوق».
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ داۋالاش ئورنى ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيىنىڭ بىر كىچىك داۋالاش ئەترىتى نەچچە سائەت ئىچىدە بىر قېتىم مۇبارەكنى تەكشۈرىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇلتۇر مۇبارەكنى ئوپېراتسىيە قىلغان بىر دوختۇرمۇ بار ئىكەن.
مىسىردا بۇ يىل 1-ئايدا ھۆكۈمەتكە قارشى زور كۆلەملىك نامايىش پارتلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان مۇبارەك بۇ يىل 2-ئايغا كەلگەندە تەختتىن چۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مىسىر باش ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا قاراپ چىقىش بۇ تىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىدىغان بولغانىدى. بۇ ئۈچ كىشى ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نەپسىگە چوغ تارتقان. ئەگەر بۇلارنىڭ جىنايىتى بېكىتىلىدىغان بولسا، مۇبارەك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن.

 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203