رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1111 قېتىم كۈرۈلدى
بىرازىلىيەنىڭ ئاممىۋى تور بېكەتلىرى 1199 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -28
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

شىنخۇا تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كومپيۇتېر سىستېمىسى بىخەتەرلىكى تور بېكىتى Zone-H مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:«بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇ يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە، بىرازىلىيەدە ئاممىۋى تور بېكەتلىرى جەمئىي 1199 قېتىم خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئۈچ بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىنغان.
خايكېرلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ياكى شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ تور بېكەتلىرى ئىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە جەمئىي 66 قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 32 قېتىملىقى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتىگە، 16 قېتىملىقى شەھەرلىك پارلامېنت تور بېكىتىگە قارىتىلغانىكەن.
خايكېرلار ئادەتتە بىر قەدەر كىچىك بولغان شەھەرلەرنىڭ تور بېكەتلىرىنى نىشان قىلىدىكەن. مەسىلەن، نوپۇسى 900 مىڭ ئەتراپىدىكى شەرقى شىمالىغا جايلاشقان شەھەر Santa Cruz do Capibaribe نىڭ تور بېكىتى دېگەندەك. مەزكۇر تور بېكەت مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، سان پاۋلۇ شتاتلىق ھەربىي ۋە ساقچى، شتاتلىق ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى ھەمدە برازىلىيە مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسىنىڭ تور بېكەتلىرىمۇ خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
بۇ يىلنىڭ دەسلىپىدە بىرازىلىيەنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرى جەمئىي 719 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا ئىككى كۈن، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى، كېڭەش پالاتاسى ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور تور بېكەتلىرى خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، باش بەتتە خاتالىق ئۇچۇرلىرى كۆرۈنۈپ قالغان.
مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە، برازىلىيە جۇغراپىيە ستاتىستىكا ئىدارىسى (IBGE) نىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىمۇ خايكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە مۇنداق ئۇچۇر قالدۇرۇلغان:«بۇ ئايدا ھۆكۈمەت تور بېكىتى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز ئادىللىق، بىز دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز».
مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى بىر نەچچە مىنۇت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ خايكېرلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، فېدېراتسىيە ساقچىلىرى مەزكۇر ئىشقا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.

 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203