رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 1109 قېتىم كۈرۈلدى
ئامېرىكىدا ئەرلەرنى ئەزىزلەپ، ئاياللارنى كەمسىتىش ئېغىر ئىكەن
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -27
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەل يېڭى ئەل رايىنى سىناش تەكشۈرۈش نەتىجىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەرلەرنى ئەتىۋارلاپ ئاياللارنى كەمسىتىدىغان يامان ئادەت جۇڭگودا مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئامېرىكىدىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. ئەر بىرلا پەرزەنت كۆرىدىغان بولغان، %40 ئامېرىكىلىق ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
دۇنياغا داڭلىق ئەر رايىنى تەكشۈرۈش شىركىتى گىلاپ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان 1020 نەپەر كىشىنىڭ ھەممىسى ئەگەر بىرلا پەرزەنت كۆرىدىغان بولسا، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى %44 كىشى ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. %28 كىشى قىز پەرزەنت كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قالغان كىشىلەر «قىز بولسىمۇ، ئوغۇل بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ» دېگەن.
1941-يىلىدىن بۇيان، گىلاپ جەمئىي يەتتە قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى خالايدىغانلارنىڭ نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىلىق كىشىلەر ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەرنى بەكرەك ئەتىۋارلايدىكەن. ئەرلەرنىڭ ئىچىدە %49 ئادەم ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى، %22 ئادەم قىزى پەرزەنت كۆرۈشنى خالايدىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاياللار ئىچىدە، %31 ئايال ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى، %33 ئايال قىز پەرزەنت كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياشلار ئوغۇللار كۆپ بولسا دەپ ئويلىسىمۇ، ئەمما يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، قىزلار كۆپرەك بولسا، دەپ ئويلاپ قالىدىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان 30 ياشتىن تۆۋەنلەر ئىچىدە، %54 كىشى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشىنى، %27 كىشى قىز پەرزەنت كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان 50 ياشتىن يۇقىرى ئاياللارنىڭ %25 تى ئوغۇل پەرزەنتىم بولسا، دېسە، %32 تى قىز پەرزەنتىم بولسا دېگەن.
ئەلۋەتتە، كىشىلەرنىڭ تەربىيىلىنىش ساپاسىنىڭ يۇقىرلىشغا ئەگىشىپ، مەيلى قىزى بولسۇن ۋە ياكى ئوغۇل بولسۇن، بۇلارغا ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدىغان، يەنى ھەممىنى بىر كۆزدە كۆرىدىغان بولىدۇ. ئاسپىرانت مەلۇماتىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ %32 تى ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى، %33 تى قىز پەرزەنت كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. %35 تى بۇلار بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە كىشىلەر ئارىسىدىكى %44 كىشى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى، %25 كىشى قىز پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، %43 جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە تەۋەر كىشىلەر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى، %24 كىشىلەر قىز پەرزەنتلىك بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئەمما دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى %33 كىشى ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى، %33 كىشى قىز پەرزەنت كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

 

 

      ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى بىرقىىم چىكىپ قۇيۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203